خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 17-چېسلا چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەينىڭ يىڭتەيدە، بېيجىڭغا خىزمىتىدىن دوكلات بەرگىلى كەلگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجىڭ يۆئې بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ شياڭگاڭنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان، باش مەمۇر لىنجېڭ يۆئې شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتىنى يېتەكلەپ، مەسئۇلىيىتىنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، ئاكتىپ ئىشلەپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنى ۋە نېگىزلىك قانۇننى قەتئىي قوغداپ، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ئەستايىدىل پىلانلاپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، كەڭ ئاھالىلەرنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشىپ شارائىت يارىتىپ، «ئىرادىلىكلەر ئىش تاللىمايدۇ، قىيىن ئىشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچمايدۇ» دېگەن روھنى ياخشى نامايان قىلىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەركەز باش مەمۇر لىنجېڭ يۆئې ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى