باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز 200 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش ياردەم پۇلى مەبلىغى ئاجراتتى (گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتلەردىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى)

2025–يىلى زىرائەت تېرىش، يىغىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش نىسبىتى % 75 كە يېتىدۇ

2018.12.20 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ مۇھىم ئاساسى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم تىرەك. 19-چېسلا گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ تاۋلىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېلىمىز دۇنيا بويىچە بىرىنچى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش چوڭ دۆلىتى ۋە ئىشلىتىدىغان دۆلىتىگە ئايلاندى. 2017-يىلى مەملىكەت بويىچە دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنىڭ ئومۇمىي قۇۋۋىتى 988 مىليون كىلوۋاتقا يەتتى، مەملىكەت بويىچە زىرائەت تېرىش، يىغىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش نىسبىتى %66تىن ئاشتى، كۆلەمدىن يۇقىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كارخانىلىرى تەرەققىي قىلىپ 2500دىن ئاشتى. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ئادەم كۈچى ۋە ئۇلاغ كۈچىگە تايىنىشتىن ئاساسەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىغا تايىنىشتەك تارىخىي بۇرۇلۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2004-يىلى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەركەز مالىيەسى سالغان سېلىنما 200 مىليارد يۈەندىن ئاشقان، 3300دىن ئارتۇق ئائىلىگە بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزۈلگەن، دېھقانلار ۋە تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى باشقۇرۇش سۇبيېكتىلىرىنىڭ 40 مىليون يۈرۈشتىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرىنى سېتىۋېلىشىغا يار-يۆلەك بولغان. ھازىرغا قەدەر، مەملىكەت بويىچە 300 نەچچە ناھىيە، رايون باشلامچىلىق بىلەن پۈتۈن مۇساپىلىك ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي ئائىلىلىرى 5 مىليون ئائىلىلىكتىن ئاشتى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كوپىراتىپى قاتارلىق مەشغۇلات مۇلازىمەت تەشكىلاتى تەخمىنەن 200 مىڭغا يېتىپ، ھەر يىللىق مەشغۇلات مۇلازىمەت كۆلىمى 4 مىليارد مودىن ئاشتى.

  كېيىنكى قەدەمدە، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنسىتىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى-جابدۇقلىرى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق، ئاساسلىق زىرائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمىتىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ مەشغۇلات ئاساسىي شەرتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە قاراتمىلىقى بولغان تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى جابدۇقلىرى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تىپىنى ئۆزگەرتىش، پۈتۈن مۇساپىلىك، ئەتراپلىق، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشقا قاراپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. 2025-يىلىغا بارغاندا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى جابدۇقلىرىنىڭ تۈرلىرى ئاساسەن تولۇق بولۇپ، مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يېتىدۇ. مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئومۇمىي قۇۋۋىتى 11 مىليون كىلوۋات ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. مەملىكەت بويىچە زىرائەت تېرىش، يىغىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش نىسبىتى % 75 كە يېتىدۇ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايون (ناھىيە)لەر ئاساسىي جەھەتتىن ماشىنىلاشتۇرۇلۇپ بولىدۇ، ئېدىرلىق تاغلىق رايون (ناھىيە)لەرنىڭ زىرائەت تېرىش، يىغىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش نىسبىتى % 55 تىن ئاشۇرۇلىدۇ، ئەسلىھە يېزا ئىگىلىكى، چارۋا باقمىچىلىقى، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى ماشىنىلاشتۇرۇش نىسبىتى ئومۇمىي جەھەتتىن % 50 ئەتراپىدا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر