باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي بانكا 180 مىليارد يۈەنلىك قارمۇقارشى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشنى يولغا قويدى، ئىككى كۈندە 340 مىليارد يۈەن تارقىتىلىدۇ

2018.12.19 17:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مەركىزىي بانكىدىن ئىگىلىشىچە، باج مەزگىلى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش، بانكا سىستېمىسىنىڭ ھەرىكەتچانلىقىنىڭ مۇۋاپىق يېتەرلىك بولۇشىنى قوغداش ئۈچۈن، جۇڭگو خەلق بانكىسى بۈگۈن ئۆسۈم نىسبىتى ئارقىلىق خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلى بىلەن 180 مىليارد يۈەنلىك قارمۇقارشى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش مەشغۇلاتىنى يولغا قويغان. بۇنىڭ ئىچىدە، يەتتە كۈنلۈك مۇددەتتىكى 140 مىليارد يۈەنلىك قارمۇقارشى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشتىكى خېرىدار بولۇش ئۆسۈم نىسبىتى ٪ 2.55، 14 كۈنلۈك مۇددەتتىكى 40 مىليارد قارمۇقارشى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشتىكى خېرىدار بولۇش ئۆسۈم نىسبىتى %2.7 بولغان. ئاشكارا بازاردا قارمۇقارشى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشتا قەرەلى توشماسلىقى سەۋەبىدىن، ساپ سېلىنمىسى 180 مىليارد يۈەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە 17 كۈنلۈك 160 مىليارد يۈەنلىك ساپ تارقىتىشنى قوشقاندا، ئىككى كۈندە ساپ تارقىتىلغان سومما 340 مىليارد يۈەن بولغان.

  17-دېكابىر، مەركىزىي بانكا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، باج مەزگىلى، ھۆكۈمەت زايومىنى تارقىتىشتا پۇل تاپشۇرۇش ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى تاپشۇرۇش ۋە ئامانەت قويۇش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش، بانكا سىستېمىسىنىڭ ھەرىكەتچانلىقىنىڭ مۇۋاپىق يېتەرلىك بولۇشىنى قوغداش ئۈچۈن، جۇڭگو خەلق بانكىسى بۈگۈن ئۆسۈم نىسبىتى ئارقىلىق خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلى بىلەن 160 مىليارد يۈەنلىك قارمۇقارشى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش مەشغۇلاتىنى يولغا قويدى، بۇنىڭ قەرەلى يەتتە كۈن، خېرىدار بولۇش ئۆسۈم نىسبىتى ٪ 2.55، شۇ كۈنى قارمۇقارشى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشتا قەرەلى توشماسلىق سەۋەبىدىن، ساپ سېلىنما 160 مىليارد يۈەن بولغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ 10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن تا ھازىرغىچە، مەركىزىي بانكا ئاشكارا بازاردا قارمۇقارشى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش مەشغۇلاتىنى تۇنجى قېتىم يولغا قويۇشى ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر