باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ تارىخى»نى تۈزىتىش كىرگۈزۈپ يېزىش خىزمىتى باشلاندى

2018.12.19 11:11         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ تارىخى»نى تۈزىتىش كىرگۈزۈپ يېزىش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ تارىخى ۋە پارتىيە تارىخى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلىپى بويىچە، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ تارىخى»نى تۈزىتىش كىرگۈزۈپ يېزىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ تارىخى»نى تۈزىتىش كىرگۈزۈپ يېزىش پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ بېسىپ ئۆتكەن قاينام- تاشقىنلىققا تولغان تارىخىي مۇساپىسى ۋە قولغا كەلتۈرگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى جانلىق نامايان قىلىپ، كىشى قەلبىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەش، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي، كەسكىن ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ تارىخى»نى تۈزىتىش كىرگۈزۈپ يېزىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئەمەلىي تۇتۇش، ياخشى تۇتۇش، ئۈنۈملۈك تۇتۇش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلدا ۋە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، توغرا يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيە تارىخى پارتىيەنىڭ بولۇش، پارتىيە تارىخى پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى تۈزىتىش كىرگۈزۈپ يېزىش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ باش تېمىسى ۋە ئاساسىي لىنىيەسى، ئاساسىي ئېقىمى ۋە ماھىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپ بىلەن ئىلمىي روھنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي ۋەقەلەر ۋە تارىخىي شەخسلەرگە ئوبيېكتىپ، ئادىل باھا بېرىش كېرەك. تارىخشۇناسلىق قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، پاكىتى بار گەپ قىلىش، ئاساسى بار گەپ قىلىش، تارىخ بىلەن يەكۈننى بىرلەشتۈرۈش، يەكۈننى تارىختىن چىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈپ يېزىش خىزمىتىنى پۇختا، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ تارىخى»نى نادىر ئەسەر قىلىپ يېزىپ چىقىپ، پارتىيە تارىخىنىڭ تەربىيەلەش، ئويغىتىش، تەسىرلەندۈرۈش، ئىلھاملاندۇرۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇۋەققەت باش كاتىپ سارقىت ئاقان يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر