باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش قىلىپ، خەلق رازى بولىدىغان كەسپىي مائارىپنى ياخشى بەرپا قىلىش كېرەك

  ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

2018.12.19 11:07         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن 14- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن ئۈرۈمچىدە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق 19 ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ۋە مەسئۇل ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يۆنىلىش قىلىپ، دىققەتنى ئاجىز ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ مۇكەممەل تەدبىر ئارقىلىق خەلق رازى بولىدىغان كەسپىي مائارىپنى ياخشى بەرپا قىلىش كېرەك.

  لى پېڭشىن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ شىنجاڭ سۇچىلىق - سۇ ئېلېكتىر مەكتىپى، شىنجاڭ سانائەت- ئىقتىساد مەكتىپى، شىنجاڭ ئورمانچىلىق مەكتىپىگە بېرىپ، سىنىپلارغا، تەجرىبىخانىلارغا، ئوقۇغۇچىلار ياتاقلىرىغا كىرىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى، ئوقۇش- ئوقۇتۇش، ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش، مەكتەپ مۇقىملىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ كەسپىي مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم تەدبىر. ھەر قايسى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر باشتىن- ئاخىر سىياسىي ۋە ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات پىكىر يولىنى پىلانلاپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى مەكتەپتە ماھارەت ئۆگىنەلەيدىغان، ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان قىلىشى كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باشتىن- ئاخىر پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتكوم رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئادا قىلىش كېرەك. باشتىن- ئاخىر توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا توغرا سىياسىي يۆنىلىش، قىممەت يۆنىلىشىنى ئوقۇش- ئوقۇتۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى مائارىپىنى ياخشى تۇتۇپ، ساۋاتسىزلىق ساقلانغان رايونلارنى تۈگىتىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىپ، ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىغا پەرۋاز قىلىدىغان قانات ئاتا قىلىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەسپىي سەۋىيەنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىيدا قەتئىي، ماھارەتتە كامالەتكە يەتكەن، مەخسۇس دەرس ئۆتۈش بىلەن قوشۇمچە دەرس ئۆتۈش بىرلەشتۈرۈلگەن «قوش سالاھىيەتلىك» ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى ئالاھىدىلىكى، تەرەققىي قىلىش ئېھتىياجى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، قاتتىق باشقۇرۇپ، ئىلمىي يېتەكلەپ، ئوقۇغۇچىلارغا مەسئۇل بولۇش، ئاتا- ئانىلارغا مەسئۇل بولۇش، جەمئىيەتكە مەسئۇل بولۇش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: مەكتەپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، رايون كەسىپ تەرەققىياتىغا ماسلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. دەرسلىك سىستېمىسىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، پارتىيە دەرسلىكنى باشقۇرۇشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، دەرسلىك، بولۇپمۇ كونسپىك ۋە ئۆزى تۈزگەن دەرسلىكنى باشقۇرۇش، تاللاپ ئىشلىتىش، يېزىش، تەكشۈرۈپ ئوقۇش ھالقىسىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش بىلەن ئوقۇش- ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك. ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىدىيە، پىكىر يولى، مەزمۇن، شەكىل، ئۇسۇل، ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمەتنىڭ دەۋرچانلىقى ۋە قاراتمىلىقىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى سۆيىدىغان، دۆلەتنى سۆيىدىغان، ئاكتىپ ئالغا ئىنتىلىدىغان، خاتىرجەم ئوقۇيدىغان ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش مۇھىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر