- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خەن جېڭ كۇۋەيتنىڭ 1-مۇئاۋىن باش ۋەزىرى قۇشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى ناسىر بىلەن سۆھبەتلەشتى
2018.12.18 16:10 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
خەن جېڭ كۇۋەيتنىڭ 1-مۇئاۋىن باش ۋەزىرى قۇشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى ناسىر بىلەن سۆھبەتلەشتى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيوروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا كۇۋەيتنىڭ 1-مۇئاۋىن باش ۋەزىرى قۇشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى ناسىر بىلەن سۆھبەتلەشتى.
خەن جېڭ ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەمىر ساباھقا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ بۇ يىل 7-ئايدا جۇڭگوغا زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئەمىر ساباھ بىلەن سۆھبەتلىشىپ، مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى ھاسىل قىلدى، ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، جۇڭگو بىلەن كۇۋەيتنىڭ دوستلۇق، ھەمكارلىقىغا يېڭىدىن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. ئىككى تەرەپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە بىر-بىرىگە ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردىكى ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇش، سەمىمىي دوست ئۆتۈش، ئۆز-ئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.
ناسىر مۇنداق دېدى: كۇۋەيت بىلەن جۇڭگو ئەنئەنىۋى دوستلار، ئىككى دۆلەت ئىزچىل بىر-بىرىگە ئىشىنىپ، بىر-بىرىنى قوللاپ كەلدى. كۇۋەيت جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلىرىگە ئاپرىن ئېيتىدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئەينەك قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر