G321 لىنىيەسى گۈيياڭ-بىجيې تاشيولى شىشى دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكى (12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئادەمسىز ئۇچقۇدا تارتىلغان)
G321 لىنىيەسى گۈيياڭ-بىجيې تاشيولى پۈتۈنلەي يېپىق شەكىلدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك يول بولۇپ، گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، گۈيياڭدىن باشلىنىپ، بىجيېدا ئاخىرلىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 215 كىلومېتىر 252 مېتىر، ئىشىلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگىلى 17 يىل بولدى.
2018-يىلى 3-ئايدىن بۇيان، گۈيجۇ ئۆلكىسى بىجيې تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى گۈيياڭ-بىجيې تاشيولىنىڭ ليۇگۇاڭ دەرياسى كۆۋرۈكىدىن دافاڭ قۇمداۋىنىغىچە بولغان يول بۆلىكىنى «راۋان، بىخەتەر، راھەت، گۈزەل»لەشتۈرۈش-ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قويۇپ، لىنىيە بويىچە ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشنى تەكشۈرۈش پونكىتى، ئۇنىۋېرسال ئاسراش پونكىتى، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت پونكىتى، مەنزىرە سۇپىسى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىپ، راۋان، بىخەتەر، راھەت، گۈزەل بولۇش قاتارلىق تەرەپلەردىن گۈيياڭ-بىجيې تاشيولىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇدىغان ساياھەت يولى ۋە كەسىپ يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى