ئۇلۇنگۇر كۆلى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان، جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلىنىڭ بىرى، شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي بېلىقچىلىق بازىسى. قىش پەسلىدە مۇز چوقۇپ بېلىق تۇتۇش بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ئۇلۇنگۇر كۆلىنىڭ ئەنئەنىۋى بېلىق تۇتۇش ئۇسۇلى بولۇپ، شۇ جايدا 60 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە. (ماتېرىيال رەسىم)
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ قىشلىق ساياھەت پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، مەلۇم بولۇشىچە، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى 2019-2018-يىللىق ئۇلۇنگۇر كۆلى قىشلىق بېلىق تۇتۇش مەدەنىيەت ساياھەت پائالىيىتى 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى بۇرۇلتوقايدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
بۇرۇلتوقايتا قىشلىق بېلىق تۇتۇشتا ئەنئەنىۋى بېلىق تۇتۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، بېلىق تۇتۇش مەيدانى ھەيۋەتلىك بولۇپ، كۈچلۈك تاماشا قىلىش ئەھمىيىتىگە ئىگە، بۇ خىل ھەيۋەتلىك مەنزىرە ھازىر دۆلىتىمىزدە پەقەت شەرقىي شىمالدا چاغان كۆلى ۋە بۇرۇلتوقايدىكى ئۇلۇنگۇر كۆلىدىلا مەۋجۇد. شۇ چاغدا، 1035 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان ئۇلۇنگۇر كۆلىدىكى مۇزنىڭ قېلىنلىقى بىر مېتىردىن، مۇز تۆپىسىدىكى قارنىڭ قېلىنلىقى 30 سانتىمېتىردىن ئاشىدۇ، بۇنداق مۇھىت ۋە شارائىتتا بېلىق تۇتۇش «قاردا بېلىق تۇتۇش» دەپ ئاتالغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى