باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2019- يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا 2 مىليون 900 مىڭ كىشى ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتتى، بەلگىلىمە ۋە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش تېلېفونى ئېلان قىلىندى

2018.12.20 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019- يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى 12- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە ئېلىنىدۇ. بۇ قېتىملىق ئىمتىھانغا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى 2 مىليون 900 مىڭ ئادەمگە يەتتى. يېقىنقى مەزگىلدە، ھەر قايسى جايلاردىكى مائارىپ، ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ۋە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ئىمتىھان مۇھىتىنى مەخسۇس ۋە ھەرتەرەپلىمە تۈزەشنى قانات يايدۇردى. نەتىجىدە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگارنلىرى بىر قانچە قېتىملىق ئىمتىھان ئالدامچىلىقى دېلولىرىنى پاش قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ بىر تۈركۈم جىنايەت گۇماندارلىرىنى قولغا ئالدى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە شۇنى قاتتىق ئەسكەرتىدۇكى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى (9)» بويىچە، قانۇندا بەلگىلەنگەن دۆلەتلىك ئىمتىھاندا، كۆچۈرمىچىلىك قىلغانلار؛ باشقىلارنى ئېلېكتىرونلۇق كۆچۈرۈش ئەسۋابى ياكى باشقا ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلەر؛ ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىمتىھان سوئالى ۋە ئىمتىھاننىڭ جاۋابىنى باشقىلارغا قانۇنسىز ساتقان ياكى تەمىنلىگەنلەر؛ باشقىلارنىڭ ئورنىدا ئىمتىھان بەرگەن ياكى ئورنىغا باشقىلارنى ئىمتىھان بەرگۈزگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر چوقۇم قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا قانۇنغا رىئايە قىلىپ، جەمئىيەتتىكى بەزى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىغا قۇلاق سالماي، ئاتالمىش «سوئاللار» ۋە «جاۋابلار»نى سېتىۋالماي، ئالدىنىپ قىلىشتىن پەخەس بولۇپ، سەمىمىيلىق بىلەن ئىمتىھان بېرىشى كېرەك.

  ئىمتىھانغا ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىشتەك قىلمىشلارغا زەربە بېرىش ۋە ئىمتىھان ئىنتىزامىنى كەسكىنلەشتۈرۈپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، نۆۋەتتە، 2019- يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىدىغان قىلمىشلارنى نازارەت قىلىپ پاش قىلىشقا بېكىتىلگەن تېلېفون نومۇرى ئېلان قىلىندى. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرى ۋە كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ نازارەت قىلىشقا پائال قاتنىشىشلىرىنى قارشى ئالىمىز. ئىمتىھانغا ئالاقىدار قانۇن بۇزۇقچىلىقىدىن ئىبارەت جىنايى ھەرىكەتلەرگە قارىتا، ئالاقىدار تارماقلار چوقۇم ئۇلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، بىرنى بايقىسا، بىرنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىپ، ماگىستىر ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدىكى ئادىللىقنى قەتئىي قوغدايدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان مەركىزىنىڭ مەسىلە پاش قىلىش تېلېفون نومۇرى: 82520029-010 (يۇقىرىقى تېلېفون بېشىدا 12- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 23- كۈنىگىچە پۈتۈن كۈن 24 سائەت كۈتكۈچى خادىم بولىدۇ؛ 12- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن 1- ئاينىڭ 25- كۈنىگىچە خىزمەت ۋاقتىدا كۈتكۈچى خادىم بولىدۇ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر