باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

يېڭى سىياسەت يولغا قويۇلۇش ئالدىدا، ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تىرىليون يۈەن سوممىدىكى ئىمپورت ئىستېمال بازىرىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا

2018.12.20 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئاكتىپ تىزىملىك ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بىز يېڭىدىن تەييارلىق قىلىشقا باشلىدۇق، تىزىملىك ئىچىدىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن 63 مەھسۇلاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا تەمىنلىگۈچى سودىگەر تېپىش، بازار مۆلچەرلەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پائال ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە» __ يېڭى يىل ھارپىسىدا، چېگرا ھالقىغان بىر ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسىنىڭ خادىمى ئالدىراشچىلىق ئىچىدە «ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى» مۇخبىرىغا شۇنداق دېدى.

  2018-يىلى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىمپورت كارخانىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خېلى سالمىقى بار بىر يىل بولدى. ئۆتكۈنچى مەزگىلدىن كېيىن سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشى كارخانىلارنى خاتىرجەم قىلدى. يېڭى سىياسەت يولغا قويۇلغان بىر يىل ئىچىدە، ئاللىقاچان ئېچىلغان تىرىليون يۈەنلىك ئىمپورت ئىستېمال بازىرىغا نىسبەتەن مەيلى ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى بولسۇن ياكى يېڭى كېڭەيتىلگەن ئۇنىۋېرسال سىناق رايونلىرى بولسۇن ھەممىسى ئاللىقاچان يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇشقا پائال تەييارلىق قىلدى. 2019-يىلى، سىياسەتنىڭ پايدىلىق بولۇشى ۋە ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدا يېڭى تەرەققىيات دولقۇنىنى كۈتۈۋېلىشتا ئۈمىد بار.

  كېلەر يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، ئېلىمىزنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پارچە سېتىش ئىمپورت يېڭى سىياسىتى رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. يېڭى يىل ھارپىسىدا، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى « ئۆتكۈنچى مەزگىلدىن كېيىنكى دەۋر»گە پائال تەييارلىق كۆرۈشكە باشلىدى.

  بىر چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسىنىڭ مەسئۇلى «ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى» مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: يېقىندا ئۆتكۈنچى مەزگىلدىن كېيىنكى يېڭى سىياسەت ئېلان قىلىندى، ئاكتىپ تىزىملىك ئېلان قىلىنىپ، كارخانىلارنى خاتىرجەم قىلدى، ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى بىر قەدەر ياخشى. ھازىر كارخانىلار يېڭى ئىجابىي تىزىملىك ۋە ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە يېڭىدىن تەييارلىق قىلماقتا.

  ئۇندىن باشقا، يېڭى قوشۇلغان 22 چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىنىمۇ كارخانىلار پائال تالىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي لىنىيەسىگە ئاساسەن ئىسكىلات ئورۇنلاشتۇرماقتا.

  ئۇنىڭ ئېيتقىنىدىكى ئۆتكۈنچى مەزگىلدىن كېيىنكى يېڭى سىياسەت بولسا، يەنى 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ بېكىتىلگەن چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پارچە سېتىش ئىمپورت سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەمدە تەتبىقلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى «داۋاملاشتۇرۇش»، «دائىرىسىنى كېڭەيتىش»، «ئاجرىتىلغان سوممىنى ئاشۇرۇش» قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك ماھىيەتلىك پايدىلىق سىياسەتنى كۆرسىتىدۇ، يەنى 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پارچە سېتىش ئىمپورتىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىياسىتى داۋاملىق يۈرگۈزۈلىدۇ ھەمدە سىياسەتنىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسى 15 شەھەردىن 22 شەھەرگە كېڭەيتىلىدۇ، مەھسۇلات دائىرىسىمۇ كېڭەيتىلىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن 63 باج تۈرى دائىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەككە سودىنىڭ يۇقىرى چەك قىممىتى 2000 يۈەندىن 5000 يۈەنگە كۆتۈرۈلىدۇ، يىللىق سودىنىڭ يۇقىرى چەك قىممىتى كىشى بېشىغا ھەر يىلى 20 مىڭ يۈەندىن 26 مىڭ يۈەنگە كۆتۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر