باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشى «مۇساپىرلار مەسىلىسى يەر شارى شەرتنامىسىنى» ماقۇللىدى

2018.12.19 11:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  73-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە سەگەردان بولۇش ۋە مۇساپىرلار كىرىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، «مۇساپىرلار مەسىلىسى يەر شارى شەرتنامىسىنى» ماقۇللىدى.

  بۇ شەرتنامىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى بىلەن ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر، خەلقئارا تەشكىلاتلار، ئەل ئىچى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى، خۇسۇسىي كارخانا ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئىككى يىل كەڭ دائىرىدە كېڭىشىش ئارقىلىق تۈزۈپ چىققان. «شەرتنامىدە» ھۆكۈمەت ۋە خۇسۇسىي تارماقلارنىڭ مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتىپ مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى ھەمدە مۇساپىرلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان قوبۇل قىلىش مەھەللە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى ئۈمىد قىلىندى. «شەرتنامە» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 181 ئەزاسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئامېرىكا بىلەن ۋېنگېرىيە قارشى ئاۋاز بەردى. بۇ «شەرتنامە» قانۇنى چەكلەش كۈچىگە ئىگە ئەمەس.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر