خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 20-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 3-شىسى تۇمشۇق شەھىرىگە جايلاشقان تۇمشۇق تاڭۋاڭچىڭ ئايرودۇرۇمى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى تۇنجى ئۇچۇشنى كۈتۈۋالىدىكەن، بۇمۇ ھەم شىنجاڭدىكى 21-بولۇپ قۇرۇلغان خەلق تىرانسپورت ئايرودۇرۇمىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ئىكەن.
12-ئاينىڭ 26-كۈنى، تۇمشۇق ئايرودۇرۇمى تۇنجى بولۇپ ئاچقان ئۈرۈمچىگە بېرىپ كېلىدىغان ئۈرۈمچى-تۇمشۇق لىنىيەسى ھەر كۈندە بىر نۆۋەت ئۇچىدىغان بولۇپ، ئۇچۇشنى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتى ئۈستىگە ئالغان، نۆۋەتچى نومۇرى CZ6827/28، كونكىرېت ئۇچۇش ۋاقتى سائەت 10:30 دە ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، 12:10 دا تۇمشۇققا قونىدۇ، ئاندىن بىر سائەت 20 مىنۇت توختىغاندىن كېيىن، سائەت 13:30دا تۇمشۇق ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 15:05 دە ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىغا قونىدۇ، تاق لىنىيەلىك مۇساپىسى تەخمىنەن بىر سائەت 40 مىنۇت، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 370 يۈەن (يېقىلغۇ ۋە قوشۇمچە ھەقنى قوشمىغاندا).
شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ ئالاقىدار خىزمەتچىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، تۇمشۇقتىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئاپتوموبىل ياكى پويىز ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە بېرىشى ئۈچۈن 18 سائەت ۋاقىت كېتىدىكەن. ھاۋا لىنىيەسى ئېچىلغاندىن كېيىن، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىپ-كېلىشى ئۈچۈن زور قولايلىق بولىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى