باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىكى 40 بىرىنچى: دۆلىتىمىزنىڭ ھاۋارايى سۈنئىي ھەمراھى

2018.12.20 17:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «5 مىنۇتلۇق تەييارلىق قىلىش، بىر مىنۇتلۇق تەييارلىق قىلىش، 30 سېكونىت، 1،2،3،4،5،6،7،8،9،10؛ ئوت يېقىلسۇن!» 1988-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى، شەنشى تەييۈەن، يېرىم كېچە سائەت 4 تىن 30 مىنۇت 10 سىكۇنت ئۆتكەندە، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان قۇتۇپ ئوربىتىسى مېتېئورولوگىيە سۈنئىي ھەمراھى «بوران-چاپقۇن 1-نومۇر» A سۈنئىي ھەمراھى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىپ، قۇياشنىڭ ماس قەدەملىك ئوربىتىسىغا توغرا كىردى. بىرقانچە سائەتتىن كېيىن، دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى 2-رايون جەمئىيىتى 9-نۆۋەتلىك ھەيئەتلەر يىغىنىدا شۇ چاغدىكى دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو دۆلەت مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۇ جىڭمىڭ قولىدا بىر پارچە سۈنئىي ھەمراھ بۇلۇت خەرىتىسىنى كۆتۈرۈپ، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرگە «بوران-چاپقۇن 1- نومۇر» A سۈنئىي ھەمراھى تەمىنلىگەن تۇنجى سۈرەتنى نامايەن قىلدى.

  بۇ، جۇڭگو مېتېئورولوگىيە تارىخىدىكى ئېنىق بەلگە خاراكتېرلىك بىر ئىش، ئېلىمىزنىڭ سۈنئىي ھەمراھ ۋە يەر يۈزى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يوقلىقتىن بارلىققا كېلىشىدىكى مۇھىم تۈگۈن. شۇندىن باشلاپ، ئېلىمىز پۈتۈنلەي چەت ئەل مېتېئورولوگىيە سۈنئىي ھەمراھىنىڭ سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلىشىگە تايىنىشتىن خوشلىشىپ، ئۆزىگە تەۋە سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسىغا ئىگە بولدى.

  مۇشۇ دەقىقە ئۈچۈن، مېتېئورولوگىيە ۋە ئالەم قاتنىشى خادىملىرى 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت تىرىشتى. مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى يەر يۈزىدە قوللىنىش سىستېمىسى تەتقىقاتىنى بالدۇرلا باشلىغان ئىدى. 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ، ئېلىمىز چەت ئەل سۈنئىي ھەمراھ بۇلۇت خەرىتىسىنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان. لېكىن پەقەت سۈرەتنىلا قوبۇل قىلىپ، ئۇنى مىقدارلىق بىر تەرەپ قىلالمىغان ئىدى، شۇ سەۋەبلىك دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتنى تولۇق ئېچىش ياكى ھەر خىل مېتېئورولوگىيە ئامىللىرىنى ھېسابلاشقا ئامالسىز قالغان، شۇڭا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قىممىتى بولمىغان ئىدى.

  1978-يىلى، پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئېلىمىزنىڭ مېتىئورولوگىيە سۈنئىي ھەمراھى ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ شەرق شامىلىغا ئۈلگۈرتتى. مېتېئورولوگىيە ئورۇنلىرى ھاۋارايى مەلۇماتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتالىنى كىرگۈزۈپ، 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن 80-يىللىرىغىچە ھېسابلاش سۈرئىتىنى ھازىرقى شەخسىي كومپيۇتېرنىڭ يۈزدىن بىرىگىمۇ يەتمەيدىغان «چوڭ تىپتىكى كومپيۇتېر»دا دۆلەت سۈنئىي ھەمراھ مېتېئورولوگىيە مەركىزى كوللېكتىپى كۈچ سەرپ قىلىپ، سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ماتېرىياللىرىنى مىقدارلىق بىر تەرەپ قىلىش ماھارىتى پىششىق ئىگىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر