باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت باج باش ئىدارىسى يېڭى شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى بويىچە باج ئېلىش-باشقۇرۇش چارىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى

2018.12.21 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭىدىن تۈزىتىلگەن شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى 2019-يىلى 1- ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. دۆلەت باج باش ئىدارىسى 20-دېكابىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يېڭى شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى بويىچە باج ئېلىش- باشقۇرۇش چارىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى، يېڭى-كونا باج تۈزۈمىنىڭ مۇقىم ئالمىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي كۈندىلىك باجنى تۇتۇپ تاپشۇرغۇچىلاردىن ئالدىن تۇتۇپ قېلىنىدىغان باج پۇلىنى شۇ كىشىنىڭ يىللىق تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج پۇلى بىلەن يېقىنلاشتۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باجنى تۇتۇپ قېلىپ تاپشۇرغۇچى ۋە باج تاپشۇرغۇچىنىڭ باج تۈزۈمىنىڭ ئالمىشىشىغا ئوڭۇشلۇق ماسلىشىشىنى قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي مائاش، ئىش ھەققى تاپاۋىتىدىن ئېلىنىدىغان شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجىدا، ئادەتتە جەملەپ ئالدىن تۇتۇپ قېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالدىن تۇتۇپ تاپشۇرۇش قوللىنىلىدۇ؛ ئەمگەك-مۇلازىمەت ھەققى تاپاۋىتى، قەلەم ھەققى تاپاۋىتى، ئالاھىدە ئىجازەتلىك ھوقۇقتىن پايدىلىنىش ھەققى تاپاۋىتىدىكى شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجىدا، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان بەلگىلىمىلەرنى ئاساسەن پاراللېل يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالدىن تۇتۇپ قېلىپ، ئالدىن تاپشۇرۇش قوللىنىلىدۇ.

  ئۇنىۋېرسال تاپاۋەتتىن ئالدىن تۇتۇپ قېلىنىپ ئالدىن تاپشۇرۇلىدىغان شەخسىي تاپاۋەت بېجى سوممىسى بىلەن ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي يىللىق ئۇنىۋېرسال تاپاۋىتىنىڭ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسىنى ھېسابلاش ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پەرق مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئويلىشىپ، شۇ يىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىۋېرسال تاپاۋەتنى جەملەپ مەلۇم قىلىش ئارقىلىق، ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي ئالدىن تاپشۇرىدىغان باج سوممىسى بىلەن يىللىق تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ ئارتۇقى قايتۇرۇلىدۇ، كەم قالغىنى تولۇقلىنىدۇ.

  ئاھالىلەرنىڭ غەيرىي شەخسىي مائاشى، ئىش ھەققى تاپاۋىتىدە، ھەر ئايلىق كىرىمىدىن 5000 يۈەن خىراجەتنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى قالدۇقى باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسى قىلىنىدۇ؛ ئەمگەك-مۇلازىمەت ھەققى تاپاۋىتى، قەلەم ھەققى تاپاۋىتى، ئالاھىدە ئىجازەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىش ھەققى تاپاۋىتىدە، ھەر قېتىملىق كىرىم سوممىسى باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسى قىلىنىپ، ئاي بويىچە سۇندۇرۇپ ھېسابلىنىدىغان كېيىنكى غەيرىي ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي ئايلىق باج نىسبىتى جەدۋىلىگە تەتبىقلىنىپ، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەمگەك-مۇلازىمەت ھەققى تاپاۋىتى، قەلەم ھەققى تاپاۋىتى، ئالاھىدە ئىجازەتلىك ھوقۇقتىن پايدىلىنىش ھەققى تاپاۋىتى كىرىمىدە %20لىك خىراجەت چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىنكى قالدۇقى كىرىم سوممىسى قىلىنىدۇ. قەلەم ھەققى تاپاۋىتىنىڭ كىرىم سوممىسى ئازايتىلىپ %70 بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر