باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو-ئالجىرىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ بىلەن ئالجىرىيە زۇڭتۇڭى بۇتېفلىكا ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشتى

2018.12.21 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20- دېكابىر ئالجىرىيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى بۇتېفلىكا بىلەن ئۆز-ئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئالجىرىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، جۇڭگو بولسا ئالجىرىيەنى ئېتىراپ قىلغان تۇنجى غەيرىي ئەرەب دۆلىتى، ئالجىرىيە بولسا جۇڭگو بىلەن ئەڭ بالدۇر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئافرىقا دۆلىتىنىڭ بىرى. دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئىزچىل ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى. 2014-يىلى جۇڭگو-ئالجىرىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە يېڭى تەرەققىياتلار قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن رازى. مەن جۇڭگو-ئالجىرىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، ئىككى تەرەپنىڭ داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو- ئالجىرىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر