باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنى ياخشى يۈگۈرەيلى

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى جايلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

2018.12.21 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ شانلىق كۈرەش تارىخى ئەسلىنىپ، كەلگۈسىدىكى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان توغرا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلگەن بولۇپ، جايلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.

  كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە توپلانغان مول تەجرىبىلەردە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى بېيىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، قەيسەرلىك بىلەن قەتئىي تىرىشىدىغان ئاكىتىپ پوزىتسىيە، غەيرەت ۋە ئىرادە بىلەن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈشىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز.

  «خەلقنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مېۋىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش»

  «ئاشلىق بېلىتى، رەخت بېلىتى، گۆش بېلىتى، بېلىق بېلىتى ، ماي بېلىتى، دۇفۇ بېلىتى، قوشۇمچە يېمەكلىك، سانائەت زايومى قاتارلىق ئىلگىرى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىدىن ئايرىلالمايدىغان بېلەت-تالونلار تارىخ مۇزېيىدىن ئورۇن ئالدى...». 18–چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، شەندۇڭ ئۆلكىسى لىنيى شەھىرىدە پېنسىيىگە چىققان ئىشچى جاڭ رېنشيۇ تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنى كۆردى ۋە بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغىنىدا، ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرى ئىسسىق ياشقا تولدى.

  «مەن ئەمدىلا خىزمەتكە قاتناشقان چېغىمدا، بارلـق تۇرمـۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بېلەتلىك ئىدى»، جاڭ رېشيۇ بىردىنلا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنى ئەسلىدى، ئۇ چاغدا ئۇ قانداقلا بولسۇن 40 يىلدىن كېيىن ئۆزىنىڭ «توردا نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش ماھىرى» بولۇپ قالىدىغىنىنى ئويلىمىغان ئىدى. نورمىلىق تەمىنلەشتىن باشلاپ «ئۈچ دۇكاننىڭ مېلىنى سېلىشتۇرۇپ سېتىۋېلىش»، ئاندىن «تۈمەنلىگەن دۇكانلارنىڭ مېلىنى كۆرۈپ سېتىۋالالايدىغان بولۇش»قىچە، «ئاچلىق-قىيىنچىلىقتا ئۆتۈش، يەيدىغان-كىيىدىغىنى بولماسلىق، تۇرمۇش قىيىنچىلىقى» قاتارلىق نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئېلىمىز خەلقىنى ئازابلىغان مەسىلىلەر تالونغا ئەگىشىپ بىرلىكتە مۇزېيغا كىرىپ كەتتى.

  ئىسلاھاتنىڭ ئاۋانگارتى، «دۇنيا شالغۇت شال ئاتىسى» يۈەن لۇڭپىڭ شۇ تارىخنىڭ شاھىدى، ھەتتا ئىلگىرى سۈرگۈچىسى. مەھسۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ ئائىلىلەرگىچە ھۆددىگە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدەك ئىسلاھات شامىلىغا ئەگىشىپ، ئۇ رىياسەتچىلىك قىلىپ تەتقىق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئۈچ لىنىيەلىك شالغۇت شال تېزدىن پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيدى.

  «قىسقىغىنا سەككىز يىلدا، شالنىڭ ئوتتۇرىچە بىرلىك مەھسۇلاتى % 55 يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، جۇڭگولۇقلار بىراقلا ئاشلىققا تويدى»، جۇڭگونىڭ شالغۇت شېلىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسىنى ئەسلىگەندە، يۈەن لۇڭپىڭ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش كۆپچىلىكنى تويۇپ يېيىشتىن ياخشىنى يېيىشكە ئېرىشتۈردى، جۇڭگو قايتا-قايتا دۇنيا بويىچە شال بىرلىك مەھسۇلاتىنىڭ رېكورتىنى يېڭىلاپ، ئىلىم-پەن تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  40 يىل ئىچىدە جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆز قولىدا پۇختا ئىگىلەپ تۇرغىنى ئۆزىنىڭ تاماق قاچىسىدىن بۆلەك، يەنە كۈرەش ئېلىپ كەلگەن پۇرسەت ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسى بولدى. ئۆيى گۈيجۇ ئۆلكىسى بىجيې شەھىرى چيەنشى ناھىيەسى كەلكۈن بازىرى شىنچاۋ كەنتىدىكى ۋۇ تىڭلياڭ مىليونلىغان تەقدىرى ئۆزگەرگەن كىشىلەرنىڭ بىرسى.

  «كىچىكىمدىنلا ئۆيىمىز نامرات ئىدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلارنى يۆلىشى بولمىغان بولسا، بەلكىم مەن ھازىرغىچە تېخى سىرتتا سەرگەردان بولۇپ يۈرۈشۈم مۇمكىن ئىدى. باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، كۆڭلۈم ناھايىتى ئىللىق بولدى، كەلگۈسى ئىستىقبالىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىغا ئىشىنىمەن.» ۋۇ تىڭلياڭنىڭ يۇرتى ۋۇمېڭشەن تاغلىق نامرات رايونىدا بولۇپ، شۇ يىلى 17 ياشلىق ۋۇ تىڭلياڭ گۇاڭدۇڭغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ، ھازىر تېخنىكا ئىگىلەپ، مەبلەغ توپلاپ، ئۆز يۇرتىدا ئاياغ پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇپ، يۇرتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر