باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەن 40 يىلدىن بۇيانقى 40 «بىرىنچى»: ئالەم قاتنىشى بۇلۇت تورى تەرەققىياتنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتتى

2018.12.21 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى 2015-يىلى 6-ئايدا قۇرغان ئالەم قاتنىشى بۇلۇت تورى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئېلىمىزدىكى تۇنجى سانائەت ئالاقە تورىدۇر.

  ھازىر، سانائەت ئالاقە تورى ھاياتىي كۈچىكە تولۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە يېڭىلىق يارىتىش جانلاندى. سانائەت ئالاقە تورى سۇپىسى سانائەت تولۇق ئامىللىق ئۇلىنىشىنىڭ تۈگۈنى ۋە سانائەت بايلىقىنى تەقسىملەشنىڭ يادروسى.

  شۇڭا، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى، تور كۈچلۈك دۆلىتى، ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى قاتارلىق دۆلەت ئىستراتېگىيەلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇكەممەل بولغان ئالەم قاتنىشى سانائەت سىستېمىسى ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئالەم قاتنىشى بۇلۇت تورى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى ۋاقتىدا قۇرۇپ، ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا سانائىتى سانائەت ئالاقە تورى، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش، يېڭى كەسىپلەر سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تېخنىكىسىنىڭ ئومۇمىي بىرلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا سانائىتىنى رەقەملەشتۈرۈش، تورلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ۋە بۇلۇتلاشتۇرۇش بويىچە تىپىنى ئۆگەرتىش تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تايانچ بولىدۇ. پۈتۈن ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا سانائىتىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ خاس بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە ئالەم قاتنىشى بۇلۇت تورى (INDICS+CMSS) سانائەت ئالاقە تورى سۇپىسى بەرپا قىلىپ، جەمئىيەت، كارخانىلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساش، ھەمكارلىشىپ ياساش، بۇلۇت ياساش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، «ئالاقە تورى + ئىلغار ياسىمىچىلىق» تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ياسىمىچىلىق بىلەن مۇلازىمەت بىرلەشكەن، تور بىلەن تور سىرتى بىرلەشكەن، يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئىگىلىك تىكلەش بىرلەشكەن» ياسىمىچىلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنى بەرپا قىلدى.

  ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە تېز ئۆسۈپ يېتىلىش ئارقىلىق، ئالەم قاتنىشى بۇلۇت تورى ھازىر ئۈسكۈنىلەرنى باشقۇرۇش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، لايىھەلەش، يۈرۈشلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش، ئىجرا قىلىش، مەھسۇلات ھايات دەۋرىيلىكىنى باشقۇرۇش، تەمىنلەش زەنجىرىنى ماسلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىيلاشقان ھەمكارلىشىپ ياساش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتلەردىكى ئەمەلىي مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ھازىرلاپ، مۇۋەپپەقىيەت تەجرىبىسى ئالەم بوشلۇقى ئالەم قاتنىشى ئۈسكۈنىلىرى، ئىلغار رەقەملىك كونترول قىلىنىدىغان ئىستانوك ۋە ماشىنا ئادەم، قاتناش تىرانسپورت، ئېلېكترون، ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق كەسىپلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ كېڭەيتىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر