باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاقتو ناھىيەسى تەۋەسىدە 5.2 بال يەر تەۋرىدى، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى

2018.12.21 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 20-كۈنى 19دىن 8 مىنۇت ئۆتكەندە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتو ناھىيەسى تەۋەسىدە 5.2 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەركىزى شىمالىي پاراللىل 39.08 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 74.75 گىرادۇسقا جايلاشقان، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلىقى 10 كىلومېتر بولۇپ، ئېگىز تاغلىق ئادەمسىز رايونغا تەۋە. تەۋرەش مەركىزى ئۇلۇغچات ناھىيەسىگە 83 كىلومېتىر، ئاقتو ناھىيەسىگە 103 كىلومېتىر كېلىدۇ. سائەت 20 گىچە، شىنجاڭ يەر تەۋرەش ئىستانسىسى ئەڭ چوڭ قالدۇق يەر تەۋرەشنىڭ دەرىجىسىنى 4.3 بال دەپ خاتىرىلىدى.

  يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، تېز سۈرئەتتە قۇتقۇزۇش ئەترىتى تەشكىللەپ ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، قالدۇق يەر تەۋرەش ۋە ئەگەشمە ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىددى تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقى ۋە ئاممىنى سوغۇقتىن قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  نۆۋەتتە، ھېچقانداق ئۆلۈم-يېتىم، يارىلىنىش ئەھۋالى ۋە مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچراش دوكلاتى تاپشۇرۇۋېلىنمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر