باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا مىنىستىرلىقى غەربىي رايوننى ئېچىۋېتىشنى قوللاش سالمىقى يەنىمۇ زورايتىلىدۇ، دېدى

2018.12.21 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گاۋ فېڭ 20-دېكابىر مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، غەربىي رايونلارنىڭ چەتنىڭ مەبلىغىنى قوبۇل قىلىشىدا ياخشى ۋەزىيەت كۆرۈلدى، ئالدىنقى 11 ئايدا ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چەت ئەل مەبلىغى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20كە يېقىن ئاشتى، كېيىنكى قەدەمدە كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، غەربىي رايونلارغا قارىتىلغان ئېچىۋېتىشنى قوللاش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ.

  سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل بىرىنچى ئايدىن 11-ئايغىچە، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ ئەمەلىي ئىشلەتكەن چەت ئەل مەبلىغىنى ئامېرىكا دوللىرى بويىچە ھېسابلىغاندا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.9 ئاشتى، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ %32.1 ئاشتى، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ %86 ئاشتى.

  ئېلىمىزنىڭ غەربىي رايونلىرىنىڭ چەتنىڭ مەبلىغىنى قوبۇل قىلىشىنىڭ تېز ئېشىشى بولسا غەربىي رايوننى سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەنلىكىنىڭ بىر كارتىنىسى. گاۋ فېڭ شۇ كۈنى ئېچىلغان قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» قاتارلىق ئېلىمىزنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، غەربىي رايون ئەسلىدىكى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئىچكى رايونىدىن تەدرىجىي ھالدا سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى. غەربىي رايون دۆلەت يولغا قويغان بىر قاتار چەت ئەل مەبلىغى سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاشقى مەبلەغنى جەلپ قىلىشتا ياخشى ۋەزىيەت كۆرۈلدى.

  گاۋ فېڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، سودا مىنىستىرلىقى غەربىي رايوننى ئېچىۋېتىشنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، غەربىي رايونلارنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشقا قاتنىشىشىنى داۋاملىق قوللاپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى يۈكسەكلىكى قىلىپ، چەت ئەل مەبلىغىنىڭ غەربىي رايونلارغا تېخىمۇ كۆپ سېلىنىشقا يېتەكلەپ ۋە ئىلھام بېرىپ، مەملىكەت بويىچە قۇرۇقلۇق- دېڭىز، ئىچكى-تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولىدىغان، شەرق بىلەن غەرب ئۆزئارا ھەمكارلىشىدىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلگەن يېڭى ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر