باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تىرامپنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇرۇش مەيدانىدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشىدە قانداق ئويى بار؟

2018.12.24 13:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەمەلدارىنىڭ يېقىندا ئاشكارلىشىچە، زۇڭتۇڭ تىرامپ سۇرىيەدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھەممىسىنى چېكىندۈرۈشنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئافغانىستاندا تۈرۈشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ سانىنى ماھىيەتلىك ئازايتىشنى قارار قىلغان.

  بىر قىسىم خەلقئارادىكى تاراتقۇلار: تىرامپ سايلام ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن سۇرىيە ۋە ئافغانىستاندىن ئىبارەت چەتئەلدىكى ئىككى چوڭ ئۇرۇش مەيدانىدىن ئايرىلىشنى بۇرۇنلا ئويلىغان. ئەمما ئەسكەر چېكىندۈرۈش مەملىكەت ئىچى ۋە ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ نازارىلىقىنى قوزغىغان، دەپ ئىزاھات بەردى.

  ئامېرىكىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىككى ئەمەلدارى رېيتىر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق نەچچە مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى چېكىندۈرۈلىدۇ، دېگەن. ئامېرىكا سېملىق تېلېۋېزىيە ئاخبارات تورى دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقى ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىپ، چېكىندۈرۈلىدىغان ئەسكەر سانىنىڭ يەتتە مىڭغا يېتىدۇ، ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھازىرقى ئادەم سانىنىڭ تەخمىنەن يېرىمى ئازىيىدۇ، دېگەن.

  تىرامپ 1-ئاينىڭ ئاخىرى ياكى 2-ئاينىڭ بېشىدا «دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتى»نى ئېلان قىلغاندا بۇ قارارنى جاكارلىماقچى.

  سىملىق تېلېۋېزىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىدە، تىرامپ 12-ئاينىڭ 18-كۈنى سۇرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى قارار قىلغان شۈ كۈنى ئافغانىستاندىن زور تۈركۈمدە قىسىمنى چېكىندۈرۈشنى قارار قىلغان، دېيىلدى.

  تىرامپ 12-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا سۇرىيەدە ئەسەبى تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» تارمار قىلىندى، سۇرىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تەخمىنەن ئىككى مىڭ ئەسكىرى چېكىندۈرۇلىدۇ، دەپ جاكارلىدى. تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە: «بۇ قارار زۇڭتۇڭ خەۋپسىزلىك ئۆمىكىنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرىنىڭ پىكىرى بىلەن قارىمۇ-قارشى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پارلامنت ئەزالىرىنى ھەيران قالدۇرىدى، نازارىلىقىنى قوزغىدى، دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرى جامۇس ماددىسنىڭ 12-ئاينىڭ 20-كۈنى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىشىنى كەلتۈرۇپ چىقاردى» دېيىلدى.

  رېيتىر ئاگنتىلىقى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان تۆت ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىپ: ئەسكەر چېكىندۈرۈش ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ «ئىسلام دۆلىتى»گە قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇمىغا يەنە قاتناشمايدىغانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ، دېدى.

  جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسدىن بولغان قوشما شىتات كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى گىرىئىم ئەسكەر چېكىندۈرۈشتىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، تىرامپ 12-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ «تىۋىتتېر»دا چۈشەندۈرۈپ: گىرىئىم ئويلىمىغان يەردىن ئەسكەرلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ۋە نەچچە يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى تېجەپ قىلىشقا قارشى تۇردى، بۇنىڭغا كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، ھازىر زېھنى كۈچىمىزنى دۆلىتىمىزگە مەركەزلەشتۈرىشىمىز، ياشلارنى ئەسلىدىنلا ئۇلارغا تەئەللۇق جايغا قايتۇرۇپ كېلىشىمىز كېرەك، دېدى.

  گىرىئىم ئەزەلدىن ترامپنىڭ قوللاپ كەلگەن، ئۇ 12-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى سۇرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش قارارىنى چىقىرىش جەريانى: «ئاپەت» دېدى، بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ غەلىبە قىلغۇچى «ئىسلام دۆلىتى» ۋە ئىران دەپ قارىدى. ئۇ 12-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ئافغانىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئامېرىكىنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈشىنىڭ خېيىم-خەتىرى ناھايىتى يۇقىرى، ناۋادا بۇ يولنى بويلاپ مېڭىۋېرىدىغان بولساق، بىزنىڭ بارلىق ئىلگىرىلىشىمىزنى قولدىن بېرىپ قويىمىز، يەنە بىر «11-سېنتەبىر»گە يول ئېچىپ بەرگەن بولىمىز.

  فىرانسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق تاراتقۇلار: ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە رەھبەرلىرى سۇرىيە مەسىلىسىدە مەلۇم كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ئامېرىكىنى ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە دەۋەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن دەپ ھۆكۈم قىلدى.

  تۈركىيە يېقىندا چېگرا ھالقىپ ئېفرات دەرياسىنىڭ شەرقىگە كىرىپ، سۇرىيەدىكى كۇرت قوراللىقلىرىغا زەربە بەرمەكچى بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەردى. بۇ سۇرىيەدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەدىكى قىسمى ئاساسلىقى كۇرت قوراللىقلىرىنى مەشىقلەندۈرۈش، مەسلىھەت بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

  ۋاشىنگتون ئاقىللار ئامبىرى ئاتلانتىك ئوكيان كېڭىشىنىڭ ئالىي ئەزاسى فايسال يىتان مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشىنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن «ناھايىتى زور پايدىسى بار»، بۇ ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولۇپ، تۈركىيەنىڭ رۇسىيەگە بولغان تايىنىشنى ئازايتىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  ئامېرىكا سۇرىيە ۋە ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى قارار قىلىپ، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئىتىتپاقداشلىرىنى خاپا قىلىپ قويدى.

  ياۋروپا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، بەزى ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئۆزلىرىنى «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئەزاسى دېدى. ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى ۋىللىيامسون: مەن سۇرىيەدە «ئىسلام دۆلىتى»نى مەغلۇب قىلدۇق دېگەن سۆزگە قەتئىي قوشۇلمايمەن دېدى.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى قارار قىلىشى ئامال يوقلىقتىن بولغان ئىش. فىرانسىيە: «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىشتىكى ھەربىي تىرىشچانلىقنى ئاياغلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ.

  ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستاننىڭ يارىشىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالاھىدە ۋەكىلى خەلىلزادە ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا ياراشتۇرۇش ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ. ئۇ كېلەر يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئافغانىستان زۇڭتۇڭ سايلىمىدىن بۇرۇن تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىش قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. بەزى تەھلىلچىلەر ئامېرىكىنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈشى تىنچلىق سۆھبىتىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئەندىشە قىلىۋېتىپتۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر