باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت نىڭ ئالدىن ئەۋەتىلگەن قىسمى يەمەنگە يېتىپ باردى

2018.12.24 14:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان ئۇرۇش توختىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلىشىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدىن ئەۋەتىلگەن بىر قىسمى تۈنۈگۈن يەمەنگە يېتىپ باردى.

  يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، گوللاندىيەنىڭ سەپتىن چېكىنگەن گېنېرالى كامارت باشچىلىقىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدىن ئەۋەتىلگەن قىسمىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى تۈنۈگۈن يەمەننىڭ ئادېنغا يېتىپ بارغان ھەمدە يەمەن ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچراشقان. بۇ ئالدىن ئەۋەتىلگەن قىسىمنىڭ ئەزالىرى يەنە پايتەخت ساناغا بېرىپ قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ رەھبىرى بىلەن ئۇچرىشىدىكەن.

  يەنە بىر خەۋەرگە قارىغاندا، ئالدىن ئەۋتىلگەن قىسىمنىڭ باشقا ئالتە ئەزاسى شۇ كۈنى كەچرەك ساناغا يېتىپ بارغان. ئۇلار كامارت باشچىلىقىدىكى ئالدىن ئەۋەتىلگەن قىسىمنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، بىرلىكتە خۇدەيداھغا بېرىپ يەمەندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر