باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى ساندىس ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى

2018.12.24 14:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى ساندىس 12-ئاينىڭ 19-كۈنى ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا سۇرىيەگە 2014-يىلى ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلانغاندا ئەسكەر ئەۋەتكەن، ھازىر تەخمىنەن ئىككى مىڭ ئەسكىرى بار، گەرچە بۇ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر مىليون 350مىڭ ئەسكىرى ئومۇمىي سانىغا قارىغاندا، ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، زۇڭتۇڭ تىرامپ نېمە ئۈچۈن جاھىللىق بىلەن ئەسكەر چېكىندۈرىدۇ؟

  ئۇزاقتىن بۇيان، «ئامېرىكا ئەۋزەللىكى»نى تەشەببۇس قىلىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان بۇ زۇڭتۇڭ ئىزچىل تۈردە ئالدىنقى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلار باشلىغان «چەتئەلنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىۋېلىش»تەك پايدا-زىيىنى ئېنىق بولمىغان بۇ ئىشتىن ئاغرىنىپ كەلگەنىدى. بۇ ئۇنىڭ سۇرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشىدىكى مۇھىم سەۋەبى ئىدى. ئۇ سۇرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش ئۆلچىمىنى ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»نى مەغلۇپ قىلىش دەپ بېكىتتى. ئومۇمىي ئۇرۇش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئىسلام دۆلىتى ئۆتكەن يىلى قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئىراق ۋە سۇرىيەدىكى بارلىق ئىگىلىۋالغان جايلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. شۇڭلاشقا، تىرامپنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈشى نەزىرىيە جەھەتتە ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىدى.

  شاڭخەي چەتئەل تىللىرى داشۆسى ئوتتۇرا شەرق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ليۇ جۇڭمىن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: تىرامپنىڭ قارارى تاسادىپىي ئەمەس، ئۇنىڭ مۇشۇنداق قىلىشى ئۇنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيەسى بىلەن تومۇرداش. گەرچ ئۇ ئېغىزىدا ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىگە قارشى تۇرغان، كونكرېت تەدبىرلەردە نۇرغۇن ئوخشىماسلىقلار بولسىمۇ، ئەمما «ئومۇمىي قىسقارتىش» ماھىيىتىدە ئۆزگىرىش بولمىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، تىرامپنىڭ سۇرىيەگە تۇتقان پوزىتسىيەسى بەك ئىچىكىرىلەپ ئارىلىشىۋالماسلىق بولدى. ئۆتكەن يىلى 4-ئاي ۋە بۇ يىل 4-ئايدىكى خىمىيەلىك قۇرال دولقۇنىدىن كېيىن، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سۇرىيە دائىرىلىرىگە ھاۋادىن زەربە بېرىشى يۈزەكىلا بولدى.

  باشقا تەھلىلچىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئەسكەر چېكىندۈرۈش ئالدىنقى ھەپتىنىڭ 5-كۈنىدىكى باشلىقلارنىڭ تېىلفونلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن. ئەينى ۋاقىتتا، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردۇئان بىلەن تىرامپ تېلېفونلىشىپ، سۇرىيە ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان. ئامېرىكا تاراتقۇلىرى، يېقىنقى نەچچە ھەپتىدە تۈركىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن سۇرىيە چېگرالىنىدىغان رايونغا ئەسكەر توپلىغانلىقى، يېقىنقى نەچچە كۈندە، ئەردۇئاننىڭ ئەسكەر ئەۋەتىپ، سۇرىيەدىكى كورد قۇراللىق كۈچلىرىگە زەربە بېرىمىز، دەپ تەھدىد سالغانلىقىغا دىققەت قىلدى، ھالبۇكى، تۈركىيەنىڭ ئاچچىغىنى كەلتۈرگىنى ۋە ئۇۋال قىلغىنى بولسا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى بولدى، ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەدىكى كورد قۇراللىق كۈچلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئەنقەرەنى موسكۋا بىلەن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، تىرامپنىڭ قارارى ۋەزىيەتتە بۇرۇلۇش ياسىشى مۇمكىن.

  ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئوتتۇرا شەرق تۈرىگە مەسئۇل مۇدىرى ئالتمان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پۇرسەت بەكمۇ ئاز، ئەسكەر چېكىندۈرۈش قارارىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ قورال-ياراق توختامى ئىمزالىغان پەيتكە توغرا كەلدى. 12-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە ھۆكۈمەت پارلامېنتقا: بىر قانچە يىللىق تالاش-تارتىشتىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ئۈچ مىيارت 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىغان ئامېرىكىنىڭ «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىسستېمىسى سېتىۋېلىش كېلىشىمىنىڭ ئاخىرى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ تەستىقىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. بۇ قورال-ياراق سېتپ بېرىش كېلىشىمى تۈركىيەنى رۇسىيەدىن S_400 تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىشتىن ۋاز كېچىشكە دەۋەت قىلىشتىكى قىزىقتۇرۇش بولۇشى مۇمكىن. ناۋادا تىرامپ سودا سەۋەبىدىن ئىستراتېگىيەلىك ھالىتىنى ئىپادىلىمەكچى بولسا، ئۇنداقتا بۇ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ.

  مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: يەتتە يىل ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق، سۇرىيە ۋەزىيىتى يېڭى باسقۇچقا كىردى، ھەر قايسى تەرەپلەر ئۇرۇشتىن كېيىنكى پىلانىنى جىددىي تۈزمەكتە، كىمنىڭ ئۇتۇپ، كىمنىڭ ئۇتتۇرىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش تەس. بىراق مۇشۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، تىرامپنىڭ ئۇسۇلى ئۈچ قات ئۈنۈم بېرىشى مۇمكىن: بىرىنچىدىن، ئاران ئىككى مىڭ كىشىنى چېكىندۈرۈش سۇرىيە ۋەزىيىتىگە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. گەرچە سۇرىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش كۆرىشىگە داۋاملىق قاتنىشىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق زور كۆپ قىسىم ھەربىي ھەرىكەت يەر يۈزى قىسمى بىلەن ئەمەس بەلكى ھاۋا ھۇجۇمى شەكلى ئارقىلىق بولۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئارمىيەسى چېكىنگەن تەقدىردىمۇ، ھاۋا ھۇجۇمى يەنىلا داۋاملىشىدۇ، ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى قىسقا مەزگىلدە بەك ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراپ كەتمەيدۇ. ئىككىنچىدىن، رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ سۇرىيە ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىكى توسقۇنلۇق ئازىيىشى مۇمكىن. رۇسىيەنىڭ سۇرىيە ھەتتا ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىر كۈچى ئاشىدۇ، ئامېرىكىنىڭ تەسىر كۈچى ئاجىزلىشىش يۈزلىنىشى داۋاملىشىدۇ، ئامېرىكا دۇنياغا ئۆزىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسىدە رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بارلىق تەلىپىنى قاندۇرالمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى.

  ئۈچىنچىدىن، بىر قەدەر نازۇك بولغىنى، ئەسكەر چېكىندۈرۈش نۆۋەتتە مۇقىم بولمايۋاتقان ئىتتىپاقلىق مۇناسىۋىتىنىڭ پارچىلىنىشىنى ياكى قايتىدىن تەشكىللىنىشىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

  ليۇ جۇڭمىن مۇنداق دېدى: شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇرەككەپ، چىگىش سۇرىيە ۋەزىيىتى ۋە ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرىغا مۇستەقىل يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارى يوق، رايوندىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىگە ئىگە بولۇشى ئاشماقتا، كەلگۈسىدە تېخىمۇ شىددەتلىك رىقابەت ۋە ئېلىشىش بولىدۇ. ئاخىرقى يۆزلىنىش تىرامپنىڭ سۇرىيەدىكى ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتنى تونۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئامېرىكا «تەسىرىنى ئاجىزلىتىشنى ئويلايدۇ»، بىراق پايدا ۋە تەسىر كۈچىدىن ۋاز كەچمەيدۇ، ئۇ ئىراننى چەكلەش ئارقىلىق ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى بىرىكتۈرۈپ، سىياسەت پىشاڭىدىن جانلىق پايدىلىنىپ، «چېگرا سىرتىدا تەڭپۇڭ»لۇق يارىتىپ، ئاخىردا ئۆز مەنپەئەتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئويلايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر