- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقى رايون بىخەتەرلىكىگە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلدى
2018.12.24 14:04 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىران دىپلوماتىيە مىنستىرلىقى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى جاكارلىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقى رايون بىخەتەرلىكىگە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلدى، دېدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: تۈپتىن ئېيتقاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ مەزكۇر رايونىدىكى مەۋجۇتلۇقى بىر خاتالىق شۇنداقلا مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەمەس، جىددى ھەرىكەت پەيدا قىلىدۇ ھەمدە رايون سىرتىدىن كىرىزىس باشلاپ كېلىدۇ، بۇ ئىزچىل مەزكۇر رايونغا مۇقىمسىزلىق ۋە خەتەر پەيدا قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق ئامىل.
باياناتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: سىرتقى كۈچلەرنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى رايون ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكى ۋە بۆلۈنۈشىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ، خالاس.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر