- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئامېرىكىنىڭ سۇرىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالىي ئەمەلدارى ئەسكەر چېكىندۈرۈش قارارىدىن نازارى بولغانلىقتىن ئىستىپا بەردى
2018.12.24 14:01 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ 12-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋېرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ سۇرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش قارارىدىن نازارى بولغانلىقتىن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش بىرلەشمە ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى مىكگۇرىك ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ خەۋەردار ئەربابىنىڭ سۆزىنى بەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋېرىگە قارىغاندا، مىكگۇرىكنىڭ ئىستىپا بېرىشى ئەسكەر چېكىندۈرۈش قارارىغا ئېتىراز بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىكەن. ئۇ 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، مىكگۇرىك 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىستىپانامىسىنى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىئوغا تاپشۇرغان. مىكگۇرىك ئىستىپانامىسىدە مۇنداق دېگەن: سۇرىيەدىكى ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلىرى قېچىپ كېتىۋاتىدۇ، ئەمما ئۇلار تارمار قىلىنمىدى.
ترامپ مىكگۇرىكنىڭ ئىستىپا بەرگەنلىك خەۋىرىنى تىۋىتتېردا ئىسپاتلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر