باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئاۋىئاماتكىسى پارىس قولتۇقىغا قايتىپ كەلدى، ئىران ئارمىيەسى دېڭىزدا مەشقلەندى

2018.12.24 14:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «جون ستېننىس» ناملىق ئاۋىئاماتكا زەربە بېرىش توپى ئۈلۈشكۈن پارىس قولتۇقىغا كىردى. بۇ ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسىنىڭ ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى مەسىلىسى ھەققىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىدىن چىكىنىپ چىققاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم بۇ ساھىلگە كىرىپ، 17 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇزۇن بىر «بوشلۇق مەزگىلى»نى تاماملىشى.

  «جون ستېننىس» ناملىق ئاۋىئاماتكا زەربە بېرىش توپىغا شۇ كۈنى ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ نۇرغۇن كارتېرى ئەگىشىپ ماڭدى.

  ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمى: «12-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن تارتىپ جەنۇبىي دېڭىز ساھىلىدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈلىدۇ» دەپ جاكارلىدى. ئىران يېرىم ھۆكۈمەت تەرەپ مېھىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋېرىگە قارىغاندا، مانىۋېر ھورمۇز بوغۇزى ھەمدە ئۇنىڭ شىمالىدىكى قەسەم ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ئامېرىكا «ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژورنىلى»نىڭ قارىشىچە، ئىراننىڭ مانىۋېر قىلىشى «جون ستېننىس» ناملىق ئاۋىئاماتكا زەربە بېرىش توپىنىڭ پارىس قولتۇقىغا كىرگەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر