- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يوۋ چۈەن پارتىيە سىرتىدىكى ئەربابلارغا مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى
2018.12.24 13:55 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يوۋ چۈەن تۈنۈگۈن پارتىيە سىرتىدىكى ئەربابلارغا مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى. يوۋ چۈەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇقېتىمقى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى-پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۇرلىۋاتقان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى داغىدۇغىلىق خاتىرىلىنىۋاتقان پەيتىدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. بىرلىكسەپ خىزمىتىدىكىلەر مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى بولۇپمۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىشنى مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى قىلىشى كېرەك. ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلار تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇق مەسىلىسىنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پىكىر-تەكلىپلەرنى بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەت ئومۇملۇقىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر