باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسى: قۇسەي قوراللىقلىرى خۇدەيداھ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە داۋاملىق خىلاپلىق قىلماقتا

2018.12.24 13:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەئۇدى ئەرەبىستانى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: يەمەن قۇسەي قوراللىقلىرى يېقىندا ھاسىل قىلىنغان خۇدەيداھ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە داۋاملىق خىلاپلىق قىلماقتا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قۇسەي قوراللىقلىرىنى مەزكۇر كېلىشىمگە بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، قۇسەي قوراللىقلىرى يەمەننىڭ خۇدەيداھتىكى نۇرغۇن جايلاردا مىنامىيوت، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق قورال-ياراقلارنى ئىشلىتىشكە باشلىدى، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئۆتكەن 72 سائەتتە 62 قېتىم خىلاپلىق قىلىندى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بىرلەشمە ئارمىيە يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى قوللاشقا تىرىشماقتا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قۇسەي قوراللىقلىرىنى مەزكۇر كېلىشىمگە ئەمەل قىلىشقا دەۋەت قىلىش مەسئۇلىيىتى بار.

  قۇسەي قوراللىقلىرى كونتىروللۇقىدىكى يەنە بىر تاراتقۇنىڭ خەۋېرىگە قارىغاندا، كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ ياللانما قوشۇنى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى خۇدەيداھتىكى نۇرغۇن ئاھالىلەر رايونى ھەمدە بىر كەنتنى توپقا تۇتقان. خەۋەردە تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلار ئاشكارىلانمىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر