باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قاتناش ترانسىپورت مىنىستىرلىقى يېزا تاش يولىنى يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياساش قاتارلىق ئالتە تۈر نىشانىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلىدى

2018.12.24 13:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاتناش ترانسىپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چۈنگېڭ يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا قاتناش ترانسىپورت مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان 2018-يىللىق خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك 12 ئىش ھازىر پۈتۈنلەي ئورۇنلىنىپ بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە 200 مىڭ كىلومېتىر يېزا تاش يولىنى يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياساش قاتارلىق ئالتە تۈر نىشانى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلاندى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: قاتناش ترانسىپورت مىنىستىرلىقى خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاستە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ھەر يىلى بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي ئىشنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، يىل بېشىدا ئاشكارا ۋەدە بەردى، يىل ئاخىرىدا ۋاقىت توشقاندا ھېساباتنى تاپشۇردى، تۆت يىلدىن بۇيان خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي ئىشتىن جەمئىي 46نى يولغا قويۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق. 2019-يىلى قاتناش ترانسىپورت مىنىستىرلىقى قاتناش ترانسىپورتتا خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ يېقىن ئەمەلىي ئىشلارنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر