باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن يېقىندا «شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى مەخسۇس تۈر بويىچە قۇشۇمچە چىقىرىۋېتىش ۋاقىتلىق چارىسى»نى ئېلان قىلدى

2018.12.24 13:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «چارە»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى مەخسۇس تۈر بويىچە قوشۇمچە چىقىرىۋېتىش- شەخسىي تاپاۋەت بېجى قانۇنىدا بەلگىلەنگەن پەرزەنت تەربىيەسى، داۋاملاشما مائارىپ، ئېغىر كېسەلنى داۋالىتىش، تۇرالغۇ ئۆي قەرز ئۆسۈمى ياكى تۇرالغۇ ئۆي ئىجارىسى، ياشانغانلارنى بېقىش قاتارلىق ئالتە مەخسۇس تۈرنى قۇشۇمچە چىقىرۋېتىشنى كۆرسىتىدۇ. «چارە» جەمئىي توققۇز باب، 32 ماددا بولۇپ، مەخسۇس تۈر بويىچە قۇشۇمچە چىقىرۋېتىشنىڭ پرىنسىپى ۋە ئالتە مەخسۇس تۈر بويىچە چىقىرىۋېتىش دائىرىسى، چىقىرىۋېتىش ئۆلچىمى، چىقىرىۋېتىش ئۇسۇلى شۇنداقلا كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرى قاتارلىق مەزمۇنلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  «چارە»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلارنىڭ باج تارماقلىرىنى مەخسۇس تۈر بويىچە قۇشۇمچە چىقىرۋېتىشكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش ياكى ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىغا ياردەملىشىش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مائارىپ، داۋالىنىش، تۇرالغۇ، كۈتۈنۈش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى چىقىمىدىكى ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، مەخسۇس تۈر بويىچە قوشۇمچە چىقىرۋېتىش دائىرىسى ۋە ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق تەڭشەش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر