- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئامېرىكا سۇرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈردى، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئىسلام دۆلىتىگە داۋاملىق زەربە بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2018.12.24 14:03 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دونالد ترامپ سۇرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە تەييارنىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلاپ ئىككى كۈندىن كېيىن، تۈركىيە زۇڭتۇڭى رەجەپ تايىپ ئەردوئان: بۇ يەردىكى ئىشلارنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، سۇرىيەدە ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»گە داۋاملىق زەربە بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەردوئان 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىستانبۇلدا پائالىيەتكە قاتناشقاندا: تۈركىيە قىسىمنى ئىشقا سېلىپ، سۇرىيەگە ئىشغال قىلىۋالغان «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قالدۇق ئەزالىرىغا زەربە بېرىدۇ دېدى.
ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە: تۈركىيە ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ سۇرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى ئېفرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى رايونلاردىكى كۇرت قوراللىقلىرىغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغاشنى كېچىكتۈرىدۇ دەپ جاكارلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر