باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا ھەل قىلغۇچ ئاساس سالايلى

2018.12.24 13:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا ھەل قىلغۇچ ئاساس سالايلى – مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەققىدە» ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگو ئىقتىسادى غايەت زور پاراخوتقا ئوخشايدۇ، گەۋدىسى قانچە چوڭ بولغانسېرى دولقۇنمۇ شۇنچە شىددەتلىك بولىدۇ، يۆلىنىشنى بەلگىلەشمۇ شۇنچە مۇھىم بولىدۇ. ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى، خىرىس قانچە كەسكىن بولغانسېرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنىڭ مۇقىملاشتۇرۇش رولىنى شۇنچە جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا ھەل قىلغۇچ ئاساس سېلىش ئۈچۈن، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ كۆرەش قىلىش روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجە قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر