باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدە ۋاكسىنا باشقۇرۇشقا قارىتا مەخسۇس قانۇن چىقىرىلماقچى

2018.12.24 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ۋاكسىنا باشقۇرۇش قانۇنىنىڭ لايىھەسى 23- دېكابىر كۈنى تۇنجى قېتىم 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7– قېتىملىق يىغىنىدا قاراپ چىقىلىشقا سۇنۇلدى. مەزكۇر لايىھەدە، ۋاكسىنا باشقۇرۇشقا مەخسۇس قانۇن چىقىرىش ھەققىدىكى تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ۋاكسىنا باشقۇرۇشنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ۋاكسىنىنىڭ خەۋپ-خەتىرى مەسىلىسىگە ئائىت ئىشلارنى باشقۇرۇش، پۈتكۈل مۇساپە بويىچە كونترول قىلىش، قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە جەمئىيەتنى ئورتاق تۈزەش قاتارلىقلارنى كۈچەيتىش، ۋاكسىنىنىڭ بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ۋە قېلىپلاشتۇرۇلغان ھالدا ئەملىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن ۋاكسىنىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ خىزمەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ۋاكسىنا دورىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ۋاكسىنا باشقۇرۇشقا قارىتا مەخسۇس قانۇن چىقىرىش بولسا، ۋاكسىنا باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ نوپۇزى ۋە مۇقىملىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق.

  دۆلەت دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى سىياسەت ۋە نىزام مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2005- يىلى گوۋۇيۈەن «ۋاكسىنا ئوبوروتى ۋە مۇداپىئەلىك ئەملەشنى باشقۇرۇش نىزامى»نى چىقارغان ئىدى، 2016ـ يىلى مەزكۇر نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. ۋاكسىنا باشقۇرۇش قانۇنىنىڭ بۇ قېتىم قاراپ چىقىشقا سۇنۇلغان لايىھەسى ۋاكسىنىلارنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش، ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش، مۇداپىئە ئۈچۈن ئەملەش، تولۇقلاش ۋە تۆلەم بېرىش قاتارلىقلارغا قارىتا قانۇن شەكلى ئارقىلىق ئېنىق بەلگىلىمە چىقاردى. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە، سىستېمىلىق ۋە تولۇق زەنجىرلىك بولغان ۋاكسىنا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىشقا پايدىلىقتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر