باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «2019-يىللىق يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.12.24 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «2019-يىللىق يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  2019-يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم. جايلار، تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، بايرام مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بايرامنى خۇشال، خاتىرجەم، تىنچ-ئامان ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ھازىر ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرىمىز.

  بىرىنچى، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر-يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا يولۇققان مەسىلىلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا تولۇقلاشقا تېگىشلىك كەمتۈكلۈك ئورنىدا تۇتۇپ، نامراتلارنى يۆلەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇپ، قىشلىق، ئەتىيازلىق خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىنى پۇختا ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  ئىككىنچى، بايرامدا بازار تەمىناتى ۋە بازارنىڭ سىلىق، مۇقىم ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۆمۈر، توك، ماي، گازنىڭ تەمىنات ۋە ئېھتىياج ۋەزىيىتىنى كۆزىتىش ۋە ماسلاشتۇرۇپ كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى گاز، ماي، توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئاممىنىڭ بايراملىق مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش كېرەك. «جۇڭگو ئارزۇيىمىز» __ مەدەنىيەتنى تۈمەنلىگەن ئائىلىگە يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك مەدەنىيەت، ئەدەبىيات-سەنئەت كىچىك شۆبە ئەترەتلىرىنى تەشكىللەپ، يېزا، ئاساسىي قاتلام بولۇپمۇ كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار ۋە نامرات رايونلارغا يۈزلەنگەن مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جامائەت مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرىنى ھەقسىز ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شەھەر-يېزىلاردىكى ئاھالىلەرنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت مەھسۇلاتى ۋە مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئاممىنىڭ بىخەتەر، قولاي، مەمنۇنلۇق بىلەن سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. چاغانلىق توشۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرانسپورت كۈچىنى تەڭشەپ تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، تۆمۈريول، تاشيول، سۇ يولى، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى، شەھەر ئاممىۋى قاتناشنى چاكسىز تۇتاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك.

  بەشىنچى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. تەۋەلىك ئورۇننىڭ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، كۆمۈر كان ۋە كۆمۈر كاندىن باشقا كانلار، خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملار، پوجاڭزا-ساليوت، بىناكارلىق قۇرۇلۇش، سۇ، توك، گاز، پار، قاتناش تىرانسپورت، ئالاھىدە ئۈسكۈنە قاتارلىق ساھەلەرنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى ئېنىقلاپ تۈزەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، توسۇش كېرەك.

  ئالتىنچى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتنىڭ مەنبەسىدىن ئالدىنى ئېلىش، ئېنىقلاپ ئاگاھلاندۇرۇش، كۆپ مەنبەلىك بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چېقىش-كۆچۈرۈش، ئەمگەكچىلەر بىلەن كاپىتالىستلار ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرا، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى، ئىش ھەققى ۋە قەرز سۈيلەش، ئۆي-زېمىن، داۋالاش ماجىراسى، كەسىپ ئالماشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي زىددىيەت، ماجىرالارنى ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، شەخسلەرنىڭ ئەسەبىي زوراۋانلىق جىنايىتىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  يەتتىنچى، ئەمەلىي، تېجەشلىك، مەدەنىيەتلىك بايرام ئۆتكۈزۈش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ۋاپادار بولۇش، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن ئائىلە جەم بولۇپ، خۇشال-خۇراملىققا چۆمۈشتەك جۇڭگو يىلى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىلمىي، مەدەنىي، ساغلام بولغان ئىستېمال قارىشى ۋە ئادەمگەرچىلىك قارىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، كىشىلەرنى ئىسراپچىلىقنى چەكلەش، ناچار ئادەتلەرنى چۆرۈپ تاشلاشقا يېتەكلەش كېرەك.

  سەككىزىنچى، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، رەھبىرىي كادىرلار مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، باشلامچىلىق بىلەن مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، يەنە بەنزىنى چىڭ تۇتۇپ، قوشۇننى ياخشى يېتەكلەپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پاك-دىيانەتلىك بايرام ئۆتكۈزۈشكە سەپەرۋەر قىلىشى كېرەك.

  توققۇزىنچى، دىجورنىلىق قىلىش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش كېرەك. دىجورنىلىققا كۈچ سەپلەشنى ئاشۇرۇپ، ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، 24 سائەتلىك مەخسۇس ئادەم دىجورنىلىق قىلىش ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئىش ئورنىدا يېتەكلەش، سىرتقا چىققاندا ئەنگە ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بايرام مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ نورمال يۈرۈشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر