خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 24-كۈنى، ساياھەتچىلەر 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر «ھاياتلىق گۈلى» ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
شۇ كۈنى، 25-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قار ئويمىچىلىقى مۇسابىقە پائالىيىتى خاربىن شەھىرىنىڭ قۇياش ئارىلى خەلقئارا قار ئويما سەنئەت كۆرگەزمىسى رايونىدا ئاياغلاشتى. خاربىن شەھەرلىك 46-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسىنىڭ ئەسىرى «ھاياتلىق گۈلى» 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن 20 ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتناشقان بولۇپ، تۆت كۈن كەسكىن مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمىكى جەمئىي 20 پارچە ئۇسلۇبى ئۆزگىچە، ئىجادىي قار ئويمىسىنى تاماملىغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى