باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى «كەسپىي ئورۇنلاردا خىزمەتچى خادىملارنى مۇكاپاتلاشتىكى بەلگىلىمە»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.12.24 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى «كەسپىي ئورۇنلاردا خىزمەتچى خادىملارنى مۇكاپاتلاشتىكى بەلگىلىمە» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «مۇكاپاتلاشتىكى بەلگىلىمە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنى مۇكاپاتلاش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى، شارائىت تۈرى، ھوقۇق دائىرىسى تەرتىپى ۋە يولغا قويۇش تەلىپى قاتارلىقلار توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىپ، كەڭ كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشى ۋە ئىش بېجىرىپ ئىگىلىك تىكلىشىنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، يۇقىرى ساپالىق ۋە كەسىپلەشكەن كەسپىي ئورۇن قوشۇنىنى قۇرۇشنى كۈچەيتىشنى تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  «مۇكاپاتلاشتىكى بەلگىلىمە» شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارنى ئاساس قىلىپ، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، مۇكاپاتلاش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مۇكاپاتلاش شەكلىنى موللاشتۇرۇپ، مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ توغرا يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇردى. نەتىجىدە، كەسپىي ئورۇنلاردا خىزمەتچى خادىملارنى مۇكاپاتلاشنىڭ يۆنىلىشى روشەن، ئىلمىي ۋە قېلىپلاشقان، ھەمدە ئۈنۈملۈك بولغان ۋە ئەسقاتىدىغان تۈزۈمى بەرپا قىلىندى. ئەمدى ئۇنى «كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى»نىڭ يۈرۈشلۈك سىياسەتلىرى ۋە قانۇن-نىزام ھۆججەتلىرى قىلىپ بېكىتىش بولسا، يېڭى دەۋردە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنى مۇكاپاتلاش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي قوللانمىسى ھېسابلىنىدۇ.

   «مۇكاپاتلاشتىكى بەلگىلىمە» پارتىيەنىڭ كادىرلارنى باشقۇرۇشى ۋە پارتىيەنىڭ ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاقلىق ھەم قابىليەتلىك بولۇش، ھەم ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپنى ئەلا بىلىش ۋە نەتىجە تۆھپىسىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاشكارا بولۇش، ئادىل بولۇش ۋە ھەققانىي بولۇشتا، ھەمدە ئۆلچەملىك رەسمىيەتلەردە قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەنىۋى مۇكاپات بىلەن ماددىي مۇكاپاتنى بىرلەشتۈرۈش ۋە مەنىۋىي مۇكاپاتنى ئاساس قىلشتا چىڭ تۇرۇپ، قەرەللىك مۇكاپاتلاش ۋە ۋاقتىدا مۇكاپاتلاشنى بىرلەشتۈرۇش ۋە قەرەللىك مۇكاپاتلاشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادتچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئۇنىڭ دەۋرچانلىقى، يېـتەكلەشچانلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى نامايان قىلدى.

   «مۇكاپاتلاشتىكى بەلگىلىمە» مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: دەرىجە بويىچە تۈرگە ئايرىش پىرىنسىپى بويىچە مۇكاپاتلاش خىزمىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، كەسپىي ئورۇنلاردىكى كادىرلارنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلار، مەسئۇل ئورگانلار (بۆلۈملەر) شۇنىڭدەك ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ مەسئۇل تارماقلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى مەزكۇر مۇكاپاتلاشنى يولغا قويۇشنىڭ مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، مۇكاپاتلاشنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى ئېنىق ئايرىپ، مۇكاپاتلاش تەرتىپىنى ئېنىق بەلگىلەپ، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر