باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدە تامامەن بىرىكمە ماتېرىياللار بىلەن ياسالغان ھەمدە كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇچقۇچىسىز تۇنجى ئايرۇپىلاننىڭ تۇنجى ئۇچۇش سىنىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

2018.12.24 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23- دېكابىر سائەت 16دىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە، نەق مەيداندىكى ئۇچۇشقا مەسئۇل باش قومانداننىڭ «ئۇچۇرۇلسۇن» دېگەن بۇيرۇقى بىلەن تەڭ، يىلوڭ I—D ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان يەر يۈزىدە تېيىلىپ يۈرۈش ۋە ئۇچۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىش قاتارلىق مەشغۇلاتنى باشلىدى، يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا 30 مىنۇت ئۇچقاندىن كېيىن، پىلان بۇيىچە تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. مۇخبىرنىڭ جۇڭگو ئاۋىئاتسىيە سانائەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئۇقۇشىچە، يىلوڭ I—Dناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بولسا، دۆلىتىمىزدە تامامەن بىرىكمە ماتېرىياللار بىلەن ياسالغان ھەمدە كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇچقۇچىسىز تۇنجى ئايرۇپىلان ھېسابلىنىدىكەن.

  يىلوڭ I—Dناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان سىستېمىسى بولسا، يىلوڭ تىپىدىكى يۈرۈشلۈك ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانلار سىستېمىسى ئاساسىدا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان بولۇپ، ئۇ تامامەن بىر خىل بىرىكمە ماتېرىياللاردىن ياسالغان قۇرۇلمىدىكى، ھەم يۇقىرى ئىقتىدارلىق، ھەمدە ئوتتۇراھال ئېگىزلىكتە ئۇچۇش ۋاقتى ئۇزۇن بولىدىغان ۋە كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان سىستېمىسىدۇر.

  مەلۇم بولۇشىچە، يىلوڭ I—Dناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا، تامامەن بىرىكمە ماتېرىياللىق قۇرۇلمىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ پنېۋماتىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئەلالاشتۇرۇلغان ۋە يۇقىرى قۇۋۋەتلىك موتور ئالماشتۇرۇپ قاچىلانغان دېگەندەك تەدبىرلەر قوللىنىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا، ئۇچۇش ئېغىرلىقى، خەۋەرلىشىش، ئىچكى قاچىلاش ۋە سىرتقى ئېسىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر