باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو-ھىندىستان يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئادىمىيەت ئالاقىسى مېخانىزمىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2018.12.24 14:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12- ئاينىڭ 21-كۈنى خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگو- ھىندىستان يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئادىمىيەت ئالاقىسى مېخانىزمىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنىنىڭ يېڭى دېھلىدا ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئوخشاشلا قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەت بولۇپ، ئۇزاق تارىخقا ۋە شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە. ئىككى چوڭ مەدەنىيەت قەدىمدىن بۇيان زىچ ئالماشتۇرۇلۇپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئورتاق ھالدا ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى-ئىلگىرىلىشىگە مۇھىم تۆھپە قوشقان. نۆۋەتتە، جۇڭگو- ھىندىستان مۇناسىۋىتى پائال ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلماقتا، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسى جۇش ئۇرۇپ قانات يايدۇرۇلدى، ئىككى دۆلەت خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى ساقلاپ كەلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ياخشى بولغان جۇڭگو-ھىندىستان مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەتكە پايدىلىق، دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدۇ.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو-ھىندىستان ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئادىمىيەت ئالاقىسى مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگو-ھىندىستان ئىككى چوڭ شەرق مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر ئاساسىدىن پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قەلب ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ زىچ بولغان تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشقا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر