باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئىككى كىشى ‹‹ئىسلاھات ئاۋانگارتى›› نامىغا ئېرىشتى

2018.12.28 13:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 12 – ئاينىڭ 18 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، ‹‹ئىسلاھات ئاۋانگارتى›› نامىغا ئېرىشكەن 100 كىشى ۋە ‹‹جۇڭگو ئىسلاھات دوستلۇق مېدالى››غا ئېرىشكەن ئون كىشى تەقدىرلەندى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم بازارلىق دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى قۇربان نىياز، شىخەنزە شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۈرمە تەپتىش بۆلۈمىنىڭ سابىق تەپتىشى جاڭ بياۋ ‹‹ئىسلاھات ئاۋانگارتى›› نامىغا ئېرىشتى.

  قۇربان نىياز باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، 2003 – يىلى ئائىلىسىنىڭ بارلىق 600 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق يىغقان پۇلىنى چىقىرىپ، ئىماملىرىم بازارلىق دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنى قۇرۇپ، مائارىپ ئارقىلىق نامرات، قالاق ھالەتنى ئۆزگەرتمەكچى بولدى. ئۇ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردى؛ جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاكتىپلىق بىلەن جۇڭگو مەدەنىيىتى ئىلمى دەرسخانىسى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى قەدىمكى شېئىرلارنى يادلاش، جىڭجۈ تىياتىرى ئېيتىش، خەتتاتلىقنى مەشىق قىلىشقا تەشكىللەش قاتارلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ قوش تىل مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈلگە كۆرسىتىش – يېتەكلەش رولىنى ئويناپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشتى. جاڭ بياۋ باشتىن – ئاخىر جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغداشنى ئەڭ يۇقىرى قىممەت ئىنتىلىشى قىلىپ، خىزمەتتە ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، دېلونى ئادىل بېجىرىپ، تەپتىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلدى. دېلودىكى گۇمانلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادىگە كېلىپ، قايتا – قايتا تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، قەتئىي بوشاشماي ئادالەتنى ياقلاشقا قانۇن بويىچە تۈرتكە بولۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە خىزمەت سۈپىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ قانۇنغا بولغان ئېتىقادى ۋە ئەيمىنىشىنى قوزغىدى. ئۇ مۇناسىۋەتلىك دېلولارغا قايتا قاراپ چىقىشقا تۈرتكە بولۇشتا قوزغاتقان قانۇنسىز دەلىل – ئىسپاتلارنى چىقىرىۋېتىش تەرتىپى قانۇن ئىلمى ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن ناھەق، ساختا، خاتا دېلولارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا يۆنىلىش بەلگىسىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر