باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«سوتسىيالىزم شۆيۈەنى خىزمەت نىزامى» ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇلدى

2018.12.28 15:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-ئاينىڭ 25-كۈنى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «سوتسىيالىزم شۆيۈەنى خىزمەت نىزامى»نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆلكە دەرىجىلىك، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلەردىن كەلگەن 47 سوتسىيالىزم شۆيۈەنىنىڭ مەسئۇللىرى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭغا جەم بولۇپ، 13-قېتىملىق مەملىكەتلىك سوتسىيالىزم شۆيۈەنى باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىپ، نىزامنىڭ روھىنى ۋاقتىدا ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى سوتسىيالىزم شۆيۈەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات پىلانىنى تۈزدى. يىغىنغا قاتناشقۇچىلار مۇنداق دېدى: نىزام- جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئېلان قىلغان سوتسىيالىزم شۆيۈەنى خىزمىتى توغرىسىدىكى تۇنجى پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن-نىزام بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سوتسىيالىزم شۆيۈەنىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىغانلىقى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىنى گەۋدىلەندۈردى، سوتسىيالىزم شۆيۈەنىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنىڭدىن ھەسسىلەپ روھلاندۇق، چوڭقۇر ئىلھاملاندۇق، بۇرچىمىزنىڭ شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.

  جايلاردىكى سوتسىيالىزم شۆيۈەنلىرى بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: نىزامنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش يېڭى مېخانىزمىنى پائال تۇرغۇزۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، بىرلىكسەپ سەپ خىزمىتى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ئاساسى بازىسىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر