باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يىل بېشىدىكى «تەشۋىش»لەرنىڭ نەتىجىسى قانداق بولدى؟

2018.12.28 15:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىل بېشىدا شىنخۇا ئاگېنتلىقى 2018-يىلى خەلقئارا سىياسيىسىدىكى «تۆت چوڭ تەشۋىش»نى رەتلەپ چىققان. يىلنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، «ئاخىرى چىقمىغان بۇ تەشۋىشلەر»نىڭ نەتىجىسى قانداق بولدى؟ يىل بېشىدىكى پەرەزلەرنىڭ قانچىسى ئەمەلىيەتكە ئايلاندى؟

  بىرىنچى تەشۋىش: «ئوتتۇرا شەرق قالايمىقانچىلىقى 3.0 دەۋرى»دە قانداق ئۆزگىرىش بولدى؟

  يىل بېشىغا نەزەر سالىساق، 2017-يىلى «ئىسلام دۆلىتى» مەغلۇپ بولدى، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتتىمۇ ئۆزگىرىش بولدى، شىئە مەزھىپى بىلەن سۈنئىي مەزھىپىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ لاگېرىنىڭ قارىشىلىشىشى كەسكىنلەشتى، رايون ئىچى-سىرتىدىكى ھەر خىل كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن باشلىنىۋاتقان «ئوتتۇرا شەرق قالايمىقانچىلىقى 3.0 دەۋرى»نىڭ قانداق ئۆزگىرىشى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  يىل ئاخىرىغا قارىساق: 2018-يىلى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ۋە رايون سىرتىدىكى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى كۈچ سىنىشىش تېخىمۇ كۆپەيدى ۋە مۇرەككەپلەشتى. يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشى بىلەن تۈركىيە سۇرىيە تەۋەسىدىكى كۇرد قوراللىق كۈچلىرىگە ھەربىي ھەرىكەت قوزغىدى، بۇ تۈركىيەنىڭ كۇرد قۇراللىق كۈچلىرىنى قوللاۋاتقان ئامېرىكا بىلەن بولغان زىددىيىتىنى كۆرسەتتى؛ ئىسرائىلىيە سۇرىيە تەۋەسىدىكى نىشانلارغا كۆپ قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە مۇئامىلە قىلىشتا بىردەكلىككە كەلگەندەك قىلاتتى، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مۇخبىرى خاشۇقجى تۈركىيەدە قەستكە ئۇچرىدى، بۇ تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى.

  ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، كونا تەڭپۇڭلۇق بۇزۇپ تاشلاندى، يېڭى تەرتىپتە تەۋرىنىش بولماقتا. ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ ئېلىشىشى، ئامېرىكا، ئىسرائىلىيەلەرنىڭ ئىران بولغان كۆرۈشى، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق رايوندىكى چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تالاش-تارتىش، يەنە كېلىپ ئەسلىدىكى دىنىي مەزھەپ لاگېرلىرى تالاش-تارتىشى ئوتتۇرا شەرقتە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلدى. كۈچ پەرقىگە ئەگىشىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بۆلۈنۈشى ۋە بىرىلىشىشى كومېدىيە شەكلىدە تېز ئىلگىرىلىدى، كەلگۈسىدە قالايمىقانچىلىقنى ھەل قىلىش قىيىنلىشىشى مۇمكىن.

  ئىككىنچى تەشۋىش: «رۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش» ئوتىنىڭ يۆنىلىشى قاياققا ماڭىدۇ؟

  يىل بېشىغا نەزەر سالساق، ئامېرىكا تەپتىش دائىرىلىرى «رۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش» ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشتە يېقىندا زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى، ئەمما ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان ھەمدە ئېرىشكەن ئىسپات ئۇچۇرلار تىرامپقا ماھىيەتلىك زەربە بېرىشكە يىتەرلىك ئەمەس. «رۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش» ئوتىنىڭ يۆنىلىشىنىڭ قانداق بولۇشى- ئامېرىكىنىڭ سىياسىي مۇنبىرىدىكى بىر چوڭ ئۆزگىرىشچان سان.

  يىل ئاخىرىغا قارايدىغان بولساق، يىل بېشىدا نەزەر سېلىنغانغا ئوخشاش، «رۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش» ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش باشتىن-ئاخىر ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ كۆڭلىدىكى بىر سايە. ئالاھىدە تەپتىش ئەمەلدارى روبېرىت مېللىر ئۆمىكىنىڭ «رۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش» ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، زۇڭتۇڭنىڭ سابىق دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىشلىرى ياردەمچىسى فۇلىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان تىرامپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئەربابلار جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلدى ھەمدە ئۇلار تەپتىش دائىرىلىرىنى تىرامپقا پايدىسىز گۇۋاھلىق بىلەن تەمىنلىدى.

  ئامېرىكىنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى پارتىيەلەر تالاش-تارتىشىنىڭ كەسكىنلىشىشى، ئەلرايىنىڭ بۆلۈنۈشى بىلەن «رۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش» ۋەقەسىنىڭ داۋاملىق ئەۋج ئېلىش مۇمكىنچىلىكى بىر قەدەر زور. ئەمما جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى داۋاملىق كېڭەش پالاتاسىنى كونترول قىلىپ تۇرغاچقا، دېموكراتلار پارتىيەسى تىرامپنى ئاسانلىقچە ئەيىبلمەسلىكى مۇمكىن.

  ئۈچىنچى تەشۋىش: غەربنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيتىىدە ياخشىلىنىش بولامدۇ-يوق؟

  يىل بېشىغا نەزەر سالساق، 2017-يىلى غەربنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى كەسكىن بولدى. 2018-يىلى غەربتىكى دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىدىن يەنىلا ئۈمىدلىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ. يىل ئاخىرىغا قارايدىغان بولساق، 2018-يىلى غەرب دۆلەتلىرىدە ئېغىر تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشى روشەن ئازايدى، فىرانسىيە، بېلگىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بىر قىسىم تېررورلۇق ھۇجۇملىرى يۈز بەردى، ئامېرىكىدا ئوققا تۇتۇش دېلوسى ھىلھەم داۋاملاشماقتا.

  تېررورلۇق ھۇجۇمنىڭ ئازىيىشى بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ ئاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەردىكى %29 ئامما تېررورلۇق ھۇجۇمى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى دۇچ كەلگەن ئەڭ مۇھىم مەسىلە دەپ قارىغان، كۆچمەنلەر مەسىلسىىدىن ئەندىشە قىلىدىغان زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ نىسبىتى 2-ئورۇندا تۇرغان.تۆتىنچى تەشۋىش: چاۋشيەن-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ياخشىلىنىش بولامدۇ-يوق؟

  يىل بېشىغا نەزەر سالساق، 2017-يىلى چاۋشيەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى كۆپ قېتىم سىناق قىلدى ھەمدە 6-قېتىم يادرو سىنىقى قىلدى. ئەمما چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكا قاتتىققا قاتتىق مۇئامىلىدە بولۇشتەك قارشىلىشىشنىڭ يېرىم ئارال ۋەزىيىتىنى يامان دەۋرىيىلىككە دۇچار قىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىغا قويغان «يول خەرىتىسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، كىرىزىسنى ئاندىن پەسەيىتكىلى، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىغىلى بولىدۇ.

  يىل ئاخىرىغا قارايدىغان بولساق، 2018-يىلى، چاۋشيەن تاشقى ئالاقىدە ئاكتىپ تەشەببۇسكار بولدى. چاۋشيەننىڭ ئالى رەھبىرى كېم جۇڭئۇن ئۈچ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە يېرىم ئارال ۋەزىيىتى قاتارلىق زور مەسىلىلەردە نۇرغۇن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. چاۋشيەن-كورېيە رەھبەرلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم ئۇچراشتى؛ چاۋشيەن-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە زور ياخشىلىنىش بولدى، كېم جۇڭئۇن تىرامپ بىلەن 6-ئايدا سىنگاپۇردا ئۇچراشتى ھەمدە بىرلىشىپ بايانات ئىمزالاپ، يېڭى چاۋشيەن-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، يېرىم ئارالدا ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم ۋە تىنچلىق مېخانىزمى ئورنىتىش قاتارلىق مەسىلە توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

  ئەمما چاۋشيەن-ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ناھايىتى ئۇزۇن يولنى بېسشقا توغرا كېلىدۇ. ئىككى تەرەپ ئارىسىدا چاۋشيەننى جازالاشنى بىكار قىلىش، يادرودىن ۋاز كېچىش قەدەم باسقۇچى ۋە ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىختىلاپ مەۋجۇت. ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەننى جازالاش سىياسىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولمىدى. 11-ئايدا، ئامېرىكا بىلەن كورېيە دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىنىڭ بىرلەشمە مانېۋىرىنى قايتىدىن باشلىدى. يېرىم ئارال ۋەزىيىتىنىڭ يۈزلىنىشىدە ھىلھەم نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر