باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تىرىشىپ يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىدە قالتىس نەتىجە يارىتىمىز

 ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

2018.12.28 13:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12- ئاينىڭ 18- كۈنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تارماقلار، ئورۇنلاردىكى كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس- بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە قايتا ئاتلىنىشتىكى «سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى»، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇشتىكى «خىتابنامە»، بىز چوقۇم ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، دىققەتنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ پۇختا خىزمەت ئىستىلى، جۇشقۇنلۇق بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان روھىي ھالەت بىلەن، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇش، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خىزمەتنى يەنىمۇ ھەقىقىي تۇتۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىدە قالتىس نەتىجە يارىتىمىز.

  ئۇلۇغ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز

  1978- يىلى، پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ تارىخىي مۇقەددىمىسىنى باشلىدى، جۇڭگو خەلقى ئۆزىنىڭ بىر جۈپ قولى بىلەن دۆلەت ۋە مىللەت تەرەققىياتىنىڭ سەلتەنەتلىك داستانىنى پۈتتى. شىنجاڭ باشتىن- ئاخىر دەۋر بىلەن قەدەمداش بولۇپ، ۋەتىنىمىز بىلەن سەپەرداش بولۇپ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى.

  12- ئاينىڭ 19- كۈنى سائەت 19 ئەتراپىدا، «ئىسلاھات ئاۋانگارتى» نامىغا ئېرىشىپ ئۈرۈمچى شەھىرىگە قايتىپ كەلگەن قۇربان نىياز، جاڭ بياۋ ئايروپىلاندىن چۈشۈشى بىلەنلا قارشى ئېلىشقا چىققان كىشىلەر تەرىپىدىن قاتمۇقات ئورىۋېلىندى. قۇربان نىياز ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «شەرەپ يالغۇز ماڭىلا مەنسۇپ بولماستىن، بەلكى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە مەنسۇپ، بۇ ئۇلۇغ دەۋرگە مەنسۇپ. 40 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت- مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى، ھازىر بالىلارنىڭ ھەممىسى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ئىنتايىن ياخشى مۇھىتتا جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىدۇ، بۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بىزگە ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي نەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئەڭ چوڭ مەنپەئەتلەنگۈچىسى. كېيىنكى قەدەمدە، مەن تېخىمۇ كۆپ بالىنى سوتسىيالىزمنىڭ لاياقەتلىك ئىز باسارلىرىدىن ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن قىلىپ تەربىيەلەيمەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىچكىرى جايلاردىكى ئىختىساسلىقلارنى يېزىغا بېرىپ مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا قوبۇل قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ بالىنى كىچىكىدىن جۇڭخۇا مىللىتىنى قىزغىن سۆيىدىغان، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قىزغىن سۆيىدىغان جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تارقاتقۇچىلىرىدىن قىلىمەن».

  جاڭ بياۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلدى. سىياسىي- قانۇن سېپىدىكى بىر پېشقەدەم جەڭچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بايرىقىم روشەن ھالدا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغداشنى ئۆزۈمنىڭ بۇرچى قىلىپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇش مۇساپىسىدە ئۆز كۈچۈمنى قوشىمەن».

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى جياڭ پىڭئەننىڭ ئەڭ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغىنى شۇكى، ئىسلاھات باھار شامىلىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭدا جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى تەشكىلاتى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزىي خىزمەتلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، تەكشۈرۈپ- تەتقىق قىلىش، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمەن.

  «مۇشۇ 40 يىلدىن بۇيان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە، باج تارماقلىرىمۇ باج يىغىش ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز زامانىۋىلىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلدى. مەن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 1984- يىلىدىكى پايدىنى باجغا ئۆزگەرتىشنى، 1994- يىلىدىكى باج ئايرىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى، يەنە 2018- يىلىدىكى دۆلەت بېجى، يەرلىك باج ئېلىش، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى باشتىن كەچۈردۈم». دۆلەت باج باش ئىدارىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى ئايلىنىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئادىل راشىدىن مۇنداق دېدى: باج ئىشلىرى بويىچە ئايلىنىپ تەكشۈرۈش تارماقلىرى قەتئىي تەۋرەنمەي پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ باج ئىشلىرى سىستېمىسىنى كۆزىتىش- ئايلىنىپ تەكشۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ باج ئىشلىرى سىستېمىسىنىڭ ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسىنىڭ كادىرى جياڭ بىڭ مۇنداق دېدى: 40 يىلدىن بۇيان، تىز پۈكمەي كۈرەش قىلغان قەھرىمان نەمۇنىچىلەرنى ئۈلگە قىلىپ، مەسئۇلىيىتىمنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشقا ئۇزاققىچە جۇشقۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىمەن.

  40 يىللىق تەجرىبىلەر ئىنتايىن قىممەتلىك

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدا توپلانغان قىممەتلىك تەجرىبىلەر پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى بولۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە، جەزمەن ھەسسىلەپ قەدىرلەش، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس چېن جۇڭكۈەن مۇنداق دېدى: «ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى تەشكىللەپ، يېتەكلەپ، تارىخ تاپشۇرغان ئېغىر مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان يول ئاچقۇچى ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش روھى بىلەن يېڭى مەزگىلدىكى ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمەن».

  خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى گوجيەنۋېي مۇنداق بىلدۈردى: خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق تۈردە قەتئىي بوشاشماي شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

  «ئىسلاھاتنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتى جەزمەن يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالىدۇ. بىز ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز» دېدى شىنجاڭ مۇھىت ئۆلچەپ تەكشۈرۈش باش پونكىتى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئالىي ئىنژېنېر جاڭ شىجۈن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى «شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ 40 يىلى»نى تۈزۈپ بېسىپ، سۈرەت بىلەن يېزىق ئارقىلىق 40 يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەرنى نامايان قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى خەلق ئىگىلىكىنى ئۇنىۋېرسال ئىستاتىستىكا قىلىش باشقارمىسىنىڭ كادىرى دىڭ جاۋۋېي مۇنداق دېدى: «بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرسەكلا، چوقۇم يېڭى دەۋردە ئارزۇنى قوغلىشىپ، يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى شانلىق سەھىپە يارىتالايمىز».

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىمىز

  تارىخنى ئەڭ ياخشى خاتىرىلەش كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇش، قايتا شانلىق سەھىپە يارىتىشتۇر.

  ئاپتونوم رايونلۇق پەن- تېخنىكا نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر رەيھان يۈسۈپ مۇنداق بىلدۈردى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پەن- تېخنىكا سىستېمىسىدىكلەر ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى شىنجاڭ قۇرۇشنى نىشان قىلىپ، ئۇل تەتقىقات، قوللىنىشچان تەتقىقاتنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پەن- تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىنى ئاساسىي گەۋدە، بازارنى يېتەكچى قىلغان، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئورگان پارتكومىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن شۇجىسى چيۇ شىگاڭ مۇنداق دېدى: «بىز سوت قىلىش، ئىجرا قىلىش خىزمىتى جەريانىدا خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداپ، <ئىككى 100 يىل> كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئەدلىيە كاپالىتىگە ئىگە قىلىمىز».

  ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ نازىرى لى خۇڭبىن مۇنداق دېدى: تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى يېزىلارنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، شەھەر- بازار كاپالەتلىك ئۆي قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ كادىرى گۇڭ مياۋمياۋ مۇنداق دېدى: «سىياسىي- قانۇن كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمگە قويۇپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىمنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، باش نىشاننىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن».

  باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئەرداۋچياۋ مەدەنىيەت، ساياھەت گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى لۈەن لىشىن ئىسلاھاتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ مۇنداق دېدى: «22 يىل ئىلگىرى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يەككە، خۇسۇسىي ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دولقۇنىدا، مەن ئىگىلىك تىكلەشنى باشلىغانىدىم. بۈگۈنكى كۈندە كارخانام تەرەققىي قىلىپ نەچچە مىڭ ئىشچى- خىزمەتچىسى بار، تىجارەت دائىرىسى ئۆي- مۈلۈك، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق كەسىپلەرگە چېتىلىدىغان كارخانا گۇرۇھىغا ئايلاندى. كەلگۈسىدە، بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ روھىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت كەسپىدىكى يېڭى مەھسۇلات، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىدە يەنىمۇ دەرىجىنى ئۆستۈرۈپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمىز».

  (مۇخبىرلىرىمىز شى شىن، مېھرىگۈل غوپۇر، لياڭ لىخۇا، خې خۇڭۋېي، مېھرىگۈل ناسىر، ۋاڭ يۇڭفېي، ۋاڭ يايۈن، شيې خۇيبيەن، ياڭ شۇخەن، ما يىنىڭ، سۈي يۈنيەن، چېن چياڭۋېي يازغان)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر