12- ئاينىڭ 14- كۈنى، جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائەت گۇرۇھى شىنجاڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك جابدۇق ياسىمىچىلىق بازىسىدىكى ئىشچىلار باش قۇراشتۇرۇش سېخىدا ئۈستى ئوچۇق تاغ جىنىسلىرى تونېلى قېزىپ كىرىش ماشىنىسى قۇراشتۇرماقتا. 10- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بۇ جابدۇق ياسىمىچىلىق بازىسى بۇ يىل 488 مىليون يۈەن ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ياراتتى.
(مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)
مۇخبىرىمىز لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: «بۇ يىل 1- ئايدىن 11- ئايغىچە، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك توشۇش- يەتكۈزۈش مىقدارى 110 مىليون توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى پۈتۈن يىلدىكىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت ياراتتى»، دېدى 12- ئاينىڭ 17- كۈنى، جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.
شىنجاڭ تۆمۈريولى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تاشيول تىرانسپورتىنى تۆمۈريول تىرانسپورتىغا ئۆزگەرتىش» تىرانسپورت تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردى، يەنى «تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، تاشيول تىرانسپورت مىقدارىنى ئازايتىپ، تۆمۈريول يۈك توشۇش مىقدارىنى كۆپەيتتى». نۆۋەتتە، شىنجاڭنى قاپلىغان 145 پويىز، جەمئىي 36 يۈرۈش لىنىيەسىدە «نۇقتىدىن نۇقتىغا» ياكى كۆپ نۇقتىلار ئارىسىدا ئارقا- ئارقىدىن ئايلىنىپ قاتنىدى. خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، پويىز مەنبەسىنى ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كېلىشى بىلەنلا قاچىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كونتېينېرلاشتۇرۇلغان، كۆلەملەشكەن تىرانسپورتنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۈرۈمچى- جۇڭغار (ئۈرۈمچى شىمالىي ۋوگزالىدىن جياڭجۈنمياۋغىچە) تۆمۈريولىدا يۈك توشۇش مىقدارى شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول يۈك توشۇش ئومۇمىي نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتاتتى، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئۈرۈمچى- جۇڭغار لىنىيەسىدە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ تەڭشەش قوماندانلىق قىلىش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تەشكىللەش تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، قاچىلاش- تەشكىللەش ۋاقتىنى سائەت بويىچە ھېسابلاشتىن مىنۇت بويىچە ھېسابلاشقا ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىپ، تېخىمۇ كۆپ توشۇش كۈچىنى «تېجەپ قېلىپ»، ئۈرۈمچى- جۇڭغار لىنىيەسىدىكى تىرانسپورت ئىقتىدارىنى ھەر كۈندىكى 28 جۈپ پويىزدىن 38 جۈپتىن كۆپرەككە يەتكۈزدى.
«شەرقىي جۇڭغار شىمالىي ۋوگزالىنىڭ كۈندىلىك ئايلانما لىنىيەسىدە بۇرۇن 24 سائەتتە ئاران 11 دىن 13 كىچە پويىزغا يۈك قاچىلىناتتى، بىز قوماندانلىق ھالقىسىنى تەڭشەپ ۋاقىتنى <تېجەپ>، بىر ئايلانما لىنىيەگە ئۇدا ئىككى نۆۋەت پويىز سالدۇق، ئالدىنقى بىر نۆۋەتتىكىسىگە يۈك قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن كېيىنكىسىگە ئۇلاپ يۈك قاچىلاپ، 24 سائەتتە 20 پويىزغا يۈك قاچىلاشنى ئىشقا ئاشۇردۇق»، دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى يۈك تىرانسپورت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يې شياۋجۈن.
شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى پاكىز، مۇھىت ئاسرايدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۈستى ئوچۇق ۋاگونلۇق ئايلانما پويىز تىرانسپورتىنى باشلامچى قىلىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنىڭ تىرانسپورت ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، يۈك توشۇش ۋوگزالىدىن يۈك يېتىپ بېرىش ۋوگزالى ئارىلىقىدا يۈرۈش لىنىيەسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، پويىزلارنى ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىشتەك تىرانسپورت ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۈرۈمچى- جۇڭغار تۆمۈريولىنىڭ شەرقىي جۇڭغار شىمالىي ۋوگزالىدىن گەنچۈەنپۇ، شياۋخۇاڭشەن، شىخەنزە، كۈيتۈن قاتارلىق ۋوگزاللارغا قاتنايدىغان رايون خاراكتېرلىك ئايلانما پويىزلارنى زور كۈچ بىلەن تەشكىللەپ قاتنىتىپ، تىرانسپورت ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ تۆمۈريولى سۈرئەتنى تېزلىتىش، ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئۈرۈمچى- جۇڭغار لىنىيەسى، جىڭ- غۇلجا- قورغاس لىنىيەسىدە ۋوگزال كۆپەيتىپ، ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، قومۇل شەرقىي ۋوگزالى، تۇرپان شەرقىي ئايلانما لىنىيەسى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تاماملىدى، 19 ئەشيا ئوبوروتى بازىسى قۇرۇلۇشى ۋە يۈك تىرانسپورت ئەسلىھەسىنى تولۇقلاش، كۈچەيتىش تۈرىنى پىلانلاپ، يۈك تىرانسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى تىرەك بىلەن تەمىنلىدى؛ ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالى ۋوگزال مەيدانىنى ئۆزگەرتىشنى باشلامچى قىلغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ قۇرۇشنى يولغا قويۇپ، تىرانسپورت كاپالىتى ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.
نۆۋەتتە، شىنجاڭ تۆمۈريولى يىللىق يۈك توشۇش، يەتكۈزۈش مىقدارىنى 125 مىليون توننىغا يەتكۈزۈش نىشانىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلاندى.