باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

17 ئورمانچىلىق كارخانىسى نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشقا قاتناشتى

2018.12.27 14:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-ئاينىڭ 25-كۈنى، 17 كارخانا دۆلەتلىك ئورمان، يايلاق ئىدارىسى نۇقتا بەلگىلەپ ياردەم بېرىدىغان گۈيجۇنىڭ لىبو، دۇشەن ۋە گۇاڭشىنىڭ لۇڭشېڭ، لوچېڭدىن ئىبارەت تۆت ناھىيە بىلەن نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشقا قاتنىشىش ھەمكارلىق مۇددىئانامىسىنى ئىمزالىدى، مۇددىئانامە ھەمكارلىق سوممىسى 1 مىليارد 750 مىليون يۇەنگە يەتتى، تۈر-ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى، كەسىپ باغچىسى رايون قۇرۇلۇشى، ئەلا سورتلۇق مايسىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئورمان ئېكولوگىيە ساياھىتى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.

  بۇ مۇخبىرنىڭ 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئورمانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقاندا ئىگىلىگەن ئۇچۇرى.

  دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ۋە يايلاق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ دۇڭشېڭ يىغىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئورمانچىلىق كارخانىلىرى نامرات رايونلارنىڭ ئورمان يايلاق بايلىقىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىپ، ئورمان يايلاق ئۆزگىچە كەسىپىنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇش- نامرات نوپۇسنىڭ بايلىق تىپىدىكى كىرىمى ۋە ئەمگەك ھەققى تىپىدىكى كىرىمىنى ئۈنۈملۈك كۆپەيتىشنىڭ مۇھىم يولى. ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا ھەمكارلىق تۈرلىرىنى تاللاش، جانىجان مەنپەئەتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش مېخانىزمى، نامرات رايونلارنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەرنى پائال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى ۋە بۇ جەھەتتە ئىزدىنىشى كېرەك، بولۇپمۇ ئورمان ئىقتىسادى، ياغاچ غوللۇق مايلىق ماتېرىياللار، ئورمان يايلاق ساياھىتى، ئەۋزەللىككە ئىگە ئۆزگىچە ئىقتىسادىي ئورمانلىق قاتارلىق ئۆزگىچە خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «كارخانا قوشۇلغان بازا قوشۇلغان دېھقانلار»، «ئورمانچىلىق توختامى» قاتارلىق كۆپ خىل مەنپەئەت بىرلەشمە مېخانىزمىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، نامرات نوپۇسنى ئورمان ۋە ئورمان ياغاچ ماتېرىياللىرى قاتارلىق مۈلۈكلىرىنى پاي قىلىپ قوشۇپ، تەرەققىيات بىرلەشمە گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر