باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت باج باش ئىدارىسى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «شەخسلەر تاپاۋەت بېجى»نى تەكشۈرۈشتىكى Appنىڭ بۇ خىل مەخسۇس ئىقتىدارى، يەنى باج تۇتىۋېلىشقا ئائىت قوشۇمچە ئۇچۇرلارنى جەدۋەلگە ئاپتوماتىك تولدۇرۇش ئىقتىدارى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ

2018.12.27 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26- دېكابىر دۆلەت باج باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، باج باش ئىدارىسى تەرىپىدىن ياساپ چىقىلغان App، يەنى «شەخسلەر تاپاۋەت بېجى»نى تەكشۈرۈشتىكى Appتىن ئىبارەت بۇ خىل يۇمشاق دېتال ئېلان قىلىنىپ، تورغا چىقىرىلدى. كەڭ باج تاپشۇرغۇچىلار ئاساسىي ئېقىملىق ئەمەلىي بازارلارنىڭ ياكى باج تارماقلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تور پونكىتلىرىدىن ئىككى ئۆلچەملىك كودنى سايىلەپ، مەزكۇر Appنى چۈشۈرىۋالسا بولىدۇ. كۆچمە تېرمىناللار (يەنى يانفونلار) نۆۋەتتە باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىملاپ كىرىش ئىقتىدارىنى قوللايدۇ. نۆۋەتتە باج تارماقلىرى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، تەكشۈرۈپ كۆرۈش ۋە بېسىمىنى سىناپ كۆرۈش خىزمىتىنى ئېلىپ بارماقتا. مەزكۇر دېتالنىڭ باج تۇتىۋېلىشقا ئائىت قوشۇمچە ئۇچۇرلارنى جەدۋەلگە ئاپتوماتىك تولدۇرۇشتىكى بۇ خىل مەخسۇس ئىقتىدارى 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

  دۆلەت باج باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جۈن 26- دېكابىر بېيجىڭدا شەخسىي تاپاۋەت بېجىنىڭ2- قەدەمدىكى ئىسلاھاتقا ئالاقىدار تەييارلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، مۇنداق دېدى: باج تارماقلىرى بارلىق كۈچى بىلەن تىرىشىپ، يېتەكچىلىك قىلىپ تەربىيەلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى قانات يايدۇرۇپ، باج خىزمەتچىلىرىنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىك تىرىشچانلىقلىرى ئارقىلىق، ئاخىرىدا، باج ئىشلىرىدا مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچىلەرنىڭ باج تۇتۇپ قېلىش ئىشلىرى ۋە باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ باج تاپشۇرۇش رەسمىيەتلىرىدىكى قولايلىق كۆرسەتكۈچى ۋە بەختلىك كۆرسەتكۈچىگە ئېرىشىدۇ.

  بېيجىڭ 12366 باج تاپشۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىندا، مەسلھەت سۇراش ئۈچۈن باج تاپشۇرغۇچىلاردىن كەلگەن تېلېفونلارنىڭ مىقدارى ھەقىقەتەن خېلى كۆپەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، شەخسىي تاپاۋەت بېجى ھەققىدە سۇئاللارنى سورايدىغانلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەسلىدىكى %10تىن ھازىرقى %30كە يەتكەن. باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ قېرىلارنى بېقىش مەسىلىسى، ئۆي ئىجارە ھەققى ۋە قەرز پۇل مەسىلىسى قاتارلىق باج تۇتىۋېلىشقا ئائىت مەخسۇس قوشۇمچە سىياسەتلەر ۋە باج تۇتىۋېلىشنىڭ كونكرېت مەشغۇلات ئۇسۇللىرى قاتارلىق مەسىلىلەرگە بىر قەدەر كۆڭۈل بۆلىدىكەن. ۋاڭ جۈن مۇنداق دېدى: شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتى ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدۇ، پۇقرالارنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قېتىملىق زور ئىسلاھات ھېسابلىنىدۇ. باج خادىملىرى چوقۇم باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ باج تۇتىۋېلىشقا ئائىت مەخسۇس قوشۇمچە ئۇچۇرلىرىنى ئامال بار جەدۋەلگە توغرا تولدۇرۇشى ۋە باج تۇتۇپ قالغۇچى ئورۇننىڭ باج تۇتۇپ قېلىش ئىشلىرىنى بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشىگە ياردەم قىلىشلىرى كېرەك.

  "شەخستىن مەخسۇس تۈر بويىچە باج تۇتۇپ قېلىشقا ئائىت ئالتە پارچە جەدۋەلنى تۈركۈملەپ كىرگۈزگەندىن كېيىن، رەسمىيەتلەرنى بىر نەچچە سېكۇنت ئىچىدىلا تاماملاپ بولغىلى بولىدىكەن."، "ئەسلىدە، قېرىلارنى بېقىشتا مەخسۇس تۈر بويىچە باج تۇتۇپ قېلىشقا ئائىت سىياسەتكە گۇمانىم بار ئىدى، نەق مەيداندا مەسلىھەت سوراش ئارقىلىق، ھەممىنى چۈشىنىۋالدىم." بېيجىڭ شەھەرلىك يوڭخى خاڭشىڭ پەن-تېخنىكا باغچىسىدا، باج تارماقلىرى باغچا رايۇنىدا شەخسىي تاپاۋەت بېجى سىياسىتى توغرىسىدا باج تاپشۇرغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە تەربىيەلەش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، كارخانىلارنىڭ خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلدى.

  جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بېيجىڭ شەھەرلىك باج تارماقلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىياسەتنى ئۆيمۇئۆي ئېلىپ بېرىپ ۋە تايانچلارنى ئاجرىتىپ، مەخسۇس تۈردىكى يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تەربىيەلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى، شىركەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ كونكرېت تەربىيىلەش لايىھىسى تۈزۈپ چىقىلدى ھەمدە شىركەتنىڭ تۇتۇپ قېلىپ تاپشۇرۇش سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسى ۋاقتىدا ئۆستۈرۈلدى. ۋاڭ جۈن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، باج تارماقلىرى داۋاملىق تۈردە ھەيدەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلار بىلەن بىرلىكتە كەڭ باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ يېڭى يىللىق تاپاۋەت بېجىنى بالدۇراق ئېلىشىغا ياردەم قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر