باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى مىنىستىرلىق مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق شەھەر، داڭلىق بازار ۋە داڭلىق كەنتىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان مەسئۇلىيەت سۇبيېكتىغا بولغان جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك

2018.12.27 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ مېڭخۇي يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قانۇن-تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق شەھەر، داڭلىق بازار، داڭلىق كەنت ۋە تارىخىي ئىمارەتلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان مەسئۇلىيەت سۇبيېكتلىرىغا بولغان جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن-نىزام بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى يېقىندا بىرلىشىپ، بېيجىڭدا دۆلەتنىڭ تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق شەھەر، داڭلىق بازار ۋە داڭلىق كەنتلەرنى باھالاش-خۇلاسىلەش يىغىنى ئاچتى. ۋاڭ مېڭخۇي مۇنداق دېدى: نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق شەھەر، داڭلىق بازار ۋەداڭلىق كەنتلەرنى قوغداشنىڭ يىرىك پىلانىنى باشقۇرۇش ۋە تېزگىنلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر يىلدا بىر تەكشۈرۈش، بەش يىلدا بىر باھالاش» تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق شەھەر، داڭلىق بازار ۋەداڭلىق كەنتلەرنى قوغداش خىزمىتىنى تەكشۈرۈش-باھالاش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ يۈجۇ مۇنداق دېدى: تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق شەھەرلەرنى قوغداشنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش سىستېمىسى ۋە قوغداپ نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى يەنىمۇ ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق شەھەر، داڭلىق بازار ۋە داڭلىق كەنتلەرنى قوغداش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  ليۇ يۈجۇ مۇنداق دېدى: قەدىمىي شەھەرلەرنى قوغداش ئىدىيەسىگە توغرا ۋارىسلىق قىلىپ، قەدىمىي شەھەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتىنى قوغداپ، تارىخىي مەدەنىيەت شەھەرلىرىنى قوغداش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ھەر قايسى جايلارنىڭ قىممىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ۋەبىر پۈتۈن گۋدە بويىچە قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، قوغداش بىلەن قۇرۇلۇش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ھازىرقى زامان شەھەرلىرىنىڭ تەرەققىيات داۋامىدىكى ئىجابىي رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەن ھازىرغا قەدەر تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە دۆلەت دەرىجىلىك داڭلىق شەھەرلەردىن 134نى ئېلان قىلدى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى، جۇڭگونىڭ تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق شەھەر، داڭلىق بازار ۋە داڭلىق كەنتتىدىن 528نى ئېلان قىلدى. پات ئارىدا، جۇڭگودا يەنە تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق شەھەر، داڭلىق بازار ۋە داڭلىق كەنتلەردىن 7– تۈركۈمدىكى 271ىنى ئېلان قىلىدۇ. ھازىرغا قەدەر، مەملىكەت بويىچە تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە كوچىلاردىن 873ى ۋە تارىخىي ئىمارەتتىن 23 مىڭ 500ى بېكىتىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر