- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو نەشر ھوقۇقى كەسىپىنىڭ قىممىتى 6 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى
2018.12.27 14:55 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئاخبارات نەشرىيات تەتقىقات يۇرتى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى «2017-يىللىق جۇڭگو نەشر ھوقۇقى كەسىپىنىڭ ئىقتىسادىي تۆھپىسى» نى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 2017-يىللىق جۇڭگو نەشر ھوقۇقى كەسىپىنىڭ كەسىپ كۆپەيمە قىممىتى 6 تىرىليون 81 مىليارد 92 مىليون يۈەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %7.35 كە يەتكەن؛ بۇنىڭ ئىچىدە يادرولۇق نەشر ھوقۇقى كەسىپىنىڭ كۆپەيمە قىممىتى 3 تىرىليون 815 مىليارد 590 مىليون يۈەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %4.61 كە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 0.03 پوئېنت ئۆرلىگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر