باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ سودا ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىن ئىقتىسادنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچى قويۇپ بېرىلدى

2018.12.27 14:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى تۈنۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. دۆلەتلىك بازارنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما جېڭچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇچۇرنى يىغىنچاقلاپ تەڭ بەھرىلىنىشنى ئاساس ، ئۇچۇرنى ئاشكارا ئېلان قىلىشنى ۋاسىتە، ئىناۋىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يادرو قىلغان يېڭىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمى ئاساسەن شەكىللەندى.

  سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، ئېلىمىزنىڭ بازار سۇبيېكتىنىڭ سانى ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى 490 مىڭدىن بۇ يىل 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا 109 مىليونغا كۆپىيىپ، 222 ھەسسە ئاشقان. بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ بازار سۇبيېكتى ئەسلىدىكى تېز ئېشىش ئاساسىدا ھەسسىلەپ تېز ئاشتى. بۇ يىل 100 مىليوندىن ئاشتى، بۇ بازار ئىقتىسادىنىڭ غايەت زور ھاياتى كۈچىنى نامايەن قىلدى.

  دۆلەتلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما جېڭچى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، مەملىكەت بويىچە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ئورگانلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە قويۇپ بېرىش، قويۇپ بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سودا ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بازارغا كىرىش ئىجازىتىنى كەڭ قويۇۋېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قارىشى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈردى، سودا ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىدىكى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچ قويۇپ بېرىلىپ، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. كېيىنكى قەدەمدە، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، سودا ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ئىلغار سودا مۇھىتىنى تىرىشىپ يارىتىدۇ. كارخانىلارغا چېتىشلىق كىنىشكا گۇۋاھنامە ئىشلىرى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. شاڭخەي ئەركىن سودا رايونىدا 1-2- تۈركۈم ئاساسىدا، 3-تۈركۈمدە «كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش» ئىسلاھاتى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، بازارغا كىرىش ئىجازىتى ۋە بازاردىن چېكىنىش يەنىمۇ قولايلاشتۇرۇلىدۇ. كارخانىلارنىڭ ئىش باشلاش ۋاقتى قىسقارتىلىپ، كېلەر يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مەملىكەت تەۋەسىدە كارخانىلارنىڭ ئىش باشلىشى ئۈچۈن «8.5 كۈنلا» ۋاقىت كېتىش نىشان ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، ئىش داۋمىدا ۋە ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر