باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ قاراماي تېغى مۇھاپىزەت رايونىدىكى نېفىت قۇدۇقلىرى پۈتۈنلەي تاقالدى

2018.12.26 09:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، شىنجاڭ قاراماي تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى چېكىندۈرۈش، ئۆزگەرتىش خىزمىتى دەسلەپكى قەدەمدە ئاپتونوم رايونلۇق مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتتى. شىمالىي قۇملۇق نېفىتلىكى قاتارلىق ئۈچ قۇدۇق رايونىدىكى 284 نېفىت قۇدۇقى تاقالدى، ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن يەر كۆلىمى 352 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتتى. بۇ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ دائىرىسى ئىچىدىكى بارلىق نېفىت قۇدۇقلىرىنىڭ تاقالغانلىقى، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىدە زور ئىلگىرىلەش بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  قاراماي تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، موڭغۇلىيە قۇلانى، پرىژىۋالىسكى ئېتى، غاز بويۇن بۆكەن قاتارلىق دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان 48 خىل ئەتىۋارلىق ھايۋان ياشايدۇ. كەڭ كۆلەملىك نېفىت، كۆمۈر قېزىش سەۋەبلىك بۇ يەرنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى بىر مەھەل ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىدى. 2017-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭ نېفىت شىركىتى شەرقىي جۇڭغار نېفىت زاۋۇتى قاراماي تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى بارلىق نېفىت قۇدۇقلىرى ۋە قوشۇمچە ئەسلىھەلەرنى ئومۇمىيۈزلۈك تاقىدى. نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇميۈزلۈك چېكىندۈرۈلگەندىن كېيىن، ياۋايى ھايۋانلار تېخىمۇ تىنچ ماكانغا ئىگە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر