باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆي بازىرى ئۇزاق مۇددەتلىك مېخانىزم بەرپا قىلىش يولىغا كىردى

2018.12.27 14:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا: ئۆي مۈلۈك بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۇزاق مۈددەتلىك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشتا ئۆينى ھايانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى تۇرالغۇ ئورنىدا ئىشلىتىش نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر قايسى شەھەرنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، شەھەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتىنى پۇختىلاپ، تۇرالغۇ ئۆي بازار سىستېمىسى ۋە تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ ئېلىمىزنىڭ ئۆي مۈلۈك بازىرىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك پەرقلەندۈرۈپ تەڭشەپ كونترول قىلىشتىن ئۆي بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۇزاق مۇددەتلىك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش يولىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، 2018-يىلى 11-ئايدا ئېلىمىزدىكى 1-سەپتىكى شەھەرلەردە نىمكەش ئۆينىڭ سېتىش باھاسى سىجىل تۆۋەنلىگەن، 15 قىزىق نۇقتىلىق شەھەر ئىچىدە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىش باھاسىنىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتى تۆۋەنلىگەن شەھەر ئۈچ بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن بىرى كۆپەيگەن. مەبلەغ قاتلىمى بېسىمىنىڭ ئېشىشى تەسىرىدە، ئۆي مۈلۈك بازىرى كارخانىلىرىنىڭ باھا ئارقىلىق مىقدارغا ئېرىشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى كۆرۈنەرلىك زورايدى؛ شۇنىڭ بىلەن تەڭ نىمكەش ئۆي بازىرىنىڭ يۇقىرى باھا قويۇپ تۇرۇۋېلىش ئەھۋالىمۇ كۆرۈنەرلىك ئازايدى، بازاردا پۈتۈشۈش مىقدارى ئەقىلگە مۇۋاپىق بولۇشقا باشلىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى كېيىنكى قەدەمدە ئۆي مۈلۈك بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۇزاق مۇددەتلىك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشقا پۇختا ئاساس سالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر