- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىز بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ سانى 222 ھەسسسە ئاشتى
2018.12.27 14:52 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى بازار سوبيىكتىنى تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىش ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنىڭ 40 يىللىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، دۆلەتلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما جىڭچى يىغىندا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ بازار سۇبيېكتى سانى ئسىلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى 490مىڭدىن كۆپىيىپ، 2018-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرغىچە 109مىليونغا يېتىپ، 222 ھەسسسە ئاشتى.
مەلۇماتقا قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭىدىن تەسس قىلىنغان كارخانىلار ئىچىدە، مۇلازىمەتچىلىك كارخانىلىرى زور دەرىجىدە كۆپىيىپ، %80تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن، بولۇپمۇ يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كەسىپى، گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر، «ئىنتېرنېت +» تېز راۋاجلىنىپ، يېڭى ھالەتتە يېڭى كونا قوۋۋەتنىڭ ئالمىشىشنى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىگەن. 11-ئاينىڭ ئاخىرغىچە 3-كەسىپنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %77 كە يەتكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر